• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

 ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان ھاكىمىيەتلەر

ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپلىگەن ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى بۈيۈك ئىمپىرىيەلەردىن تارتىپ يېقىنقى زاماندىكى جۇمھۇرىيەتلەرگىچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى

ئۇيغۇرلار ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان تېررىتورىيەدە ياشىغان بولۇپ تارىخ سەھنىسىدە پارلاق سەھىپىلەرنى قالدۇرغان. ئۇلار مىلادىيە 605 – يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، 744 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى بولۇپ قالغان.  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئ‍الاھازەل 100 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، 840- يىلى يېقىلغان. بۇ مەزگىلدە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى ئىمپېرىيە تەركىبىدىكى قەبىلىلەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنى ئىپادىلەيدىغان نام، يەنى، مىللەتنىڭ ئورتاق نامى بولغان.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېقىلغاندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار  848 – يىلى پانتېكىننىڭ باشچىلىقىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، 866 – يىلى بەشبالىقنى پايتەخت، ئىدىقۇتنى قىشلىق پايتەخت قىلغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە توققۇز بۇلاقتىن غەربتە بۈگۈرگىچە، جەنۇبتا تەكلىماكاندىن شىمالدا ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان زېمىنلار بولۇپ، دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئەنئەنىسى جەھەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 500  يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن.

قاراخانىيلار خانلىقى

قاراخانىيلار خانلىقى، ئۇيغۇرلار مىلادىيە 840 – يىلى ئاسىيانىڭ كىندىكى − تۈركىستاندا قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندنى مەركەز قىلىپ قۇرغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ ئۈچىنچى خاقانى سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە، يەنى مىلادىيە 924 – يىلى قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى خەلقلەر ئىسلامغا كىرگەن. بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. قاراخانىيلار خانلىقى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. قاراخانىيلار خانلىقى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۆت ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن.

سەئىدىيە خانلىقى

سەئىدىيە خانلىقى 1514 – يىلىدىن 1678 – يىلىغىچە، جەمئى 164 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، تۈركىستان تارىخى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنداقلا تارىختا ئۇنتۇلماس شانلىق ئىزلارنى قالدۇردۇرغان. بۇ خانلىق تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تارقاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆزئارا قۇشۇلۇشىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.  سەئىدىيە خانلىقى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىي ھۆكۈمدارلىرىدىن يەرلىك ئەمەلدارلىرىغىچە، قوماندانلىرىدىن ئاددىي ئەسكەرلىرىگىچە ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. دۆلەتنىڭ ئىدارە تەشكىلاتلىرى، قائىدە – يوسۇنلىرى، ھايات تەرزى ۋە دىنىي مۇراسىملىرى بىردەك ئۇيغۇر تارىخىي ئەنئەنىلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ