• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مۇستەبىتلەر بىلەن ئاچكۆزلەرنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار

مۇستەبىتلەر بىلەن ئاچكۆزلەرنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
2000-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىلا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ „ئىشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش“ سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا ئاپىرىلىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى „ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش“ تەدبىرى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان.
2016-يىلى جازا لاگىرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ 2019-يىلىدىن باشلاپ لاگىرلار ئەتراپىدا قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ۋە بىرقىسمىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلىپ، خىتاي شىركەتلىرى ھەمدە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ماركىدىكى شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
„سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايلىقى مەركىزى“ 16-سىنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 5-ئايدا „نېۋ-يورك ۋاقتى“ گېزىتى، „ئەينەك“ ژورنىلى ۋە „تەكشۈرۈش ئاخباراتى ئورگىنى“ بىرلىكتە ئېنىقلاپ چىققان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 100 دىن ئارتۇق داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن نەپ ئېلىش تىجارىتىنى ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن. خىتايدىكى 11 رايون، 75 زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار دۇنيادىكى 86 بازاردا بۈگۈنمۇ سېتىلىۋاتماقتا ئىكەن.
بۇ دۇنيادا زالىم، مۇستەبىتلەرنىڭ ئەدلى-ئادالەتنى دەپسەندە قىلىشى بىلەن ئاچكۆز، مەنپىئەتپەرەسلەرنىڭ ئۇنى ئاياق ئاستى قىلىشىنىڭ ئارتۇقچە بىر پەرقى يوق ئىكەن. زالىم، مۇستەبىتلەر زوراۋانلىق بىلەن ئىنسانلارنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئاچكۆز، مەنپىئەتپەرەسلەر ئەمگەك ئارقىلىق قېنىنى شورايدىكەن. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، ئۇلار ئەخلاقسىزلىق، ئىنسانىيەتسىزلىكتە تامامەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەن.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىلىۋاتقان بىر تۇپراقتىن ئىقتىسادىي مەنپىئەت ئىزدەش، بۇ قىرغىنچىلىقنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا شېرك بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى Volkswagen, BMW, Mercedes-Benz, Ford, Mazda, Tesla, Hyundai قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ داڭلىق ماركىلار ئىنسانىيەتكە ئەخلاقتىن دەرس ئۆتىدىغان داڭلىق دۆلەتلەرنىڭ، ئەدلى-ئادالەتنى بايراق قىلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كاپىتالىستلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر. ھەتتا دۇنياغا ئەڭ مەشھۇر بولغان Apple, Samsung قاتارلىق قولتېلېفونلىرى، KFC Chicken, McDonald’s قاتارلىق تىز تاماقخانىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنىڭ نەقەدەر كەڭ دائىرىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەدلى-ئادالەتنىڭ بىر ئۇچۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پەرۋاسىزلارچە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
بۇ 100 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ پۇلدىن باشقا ئىتىقادى بولمىغان خوجايىنلىرى بەلكىم بۈگۈن مۇستەملىكە ئاستىدىكى مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ پاجىئەلىرىگە ھىچ پىسەنت قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەمما كېلىچەكتە تارىخنىڭ سورىقىغا تارتىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە قانداق بىر نىجاسەتنىڭ ئىچىدە بولغانلىقىدىن خۇرسىنماسلىققا ئامالى قالمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان داڭلىق ماركىلىق 100 شىركەت ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ تىزىملىكى:
Elec & Eltek,
TCL,
Transimage
Hubei Hangte Equipment Manufacturing,
Dachan Food,
Xinjiang Zhengcheng Minli Modern Enterprise Services,
Apple,
Volkswagen,
LG Electronics,
Skechers,
KFC Chicken,
Samsung,
Cal-Comp,
BMW,
Subway,
McDonald’s,
Tesla,
Crocs,
Mercedes-Benz,
General Motors,
Ford,
Chrysler (part of Stellantis),
Mazda,
Hyundai,
Mahle Industrial Thermal Systems,
Midea
Manchester City football club.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ