ب د ت نىڭ پەريادىغا قۇلاق سالىدىغان زامان ئۆتۈپ كەتتى
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
ئاخىرقى 10-15 يىلدا ئامېرىكانىڭ ب د ت غا قارىتا ئىتىبارىنىڭ تۆۋەنلىشى، خىتاينىڭ بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ب د ت دا ئۆز تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشىگە يول ئېچىپ بەردى ۋە ئاقىۋەتتە ب د ت گويا خىتاينىڭ قولىدىكى قورالغا ئايلىنىپ قالدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپىدىن تارتىپ، مۇھىم ئورگانلاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەرگىچە خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان بولدى. بەزى ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى خىتايلار ئىگىلىدى.
.
ب د ت نىڭ بۇ ھالغا كېلىشىگە ئامېرىكانىڭ ب د ت غا بېرىدىغان پۇلنى كەسكەنلىكى، ئەكسىچە خىتاينىڭ ب د ت غا بېرىدىغان پۇلنى كۆپەيتكەنلىكى ئاساسىي سەۋەب بولىشى ناتايىن. بەلكى ھالقىلىق سەۋەب، بەزى ب د ت خادىملىرىنىڭ ھەرخىل مەنپىئەتلەر بەدىلىگە خىتايغا ئېغىشى بولىشى ئىھتىمالغا يېقىن.
.
بۈگۈن ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئوخشاش مۇھىم ئورگانلار ئۆز فۇنكىسىيەسىنى توغرا جارىي قىلدۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ب د ت نىڭ خەلقارا جەمىيەتتىكى ئوبرازىمۇ زور دەرىجىدە سۇندى. ب د ت نىڭ ئەدلى-ئادالىتىگە بولغان ئىشەنچلەرمۇ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتتى. ئىنسانلار ب د ت نىڭ قارارلىرىغا پەرۋاسىز قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
.
ئەلۋەتتە، ب د ت دا ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان، خىتاينىڭ ب د ت نى سۈيئىستىمال قىلىشىغا سۈكۈت قىلمايدىغان، سوۋغا-سالام، پارا قوبۇل قىلمايدىغان ھەققانىيەتچىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن 2018-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بىراق بۇ خىلدىكى ئادالەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ بىرقىسمى خىتاينىڭ تەلەبى بىلەن ئاقىۋەتتە ب د ت دىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى ياكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يولسىز بېسىملىرى ئاستىدا، خىتايغا قارشى زۇۋانىنى يىغىشقا مەجبۇرلاندى. ئىككى يىل ئىلگىرى، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا، ب د ت دا خىتاينىڭ ئادالەتسىز قىلمىشلىرىغا ئىسيان ئەتكەن بىر ئايالنىڭ شىۋېتسارىيە ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە يولۇققانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
.
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) نىڭ 8-دېكابىردىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت نىڭ 2026-يىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى خامچوتى 23 مىليارد دوللارغا قىسقارتىلغان. بۇ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتنى كۆرسەتكەن. ئۆتكەن بىر يىلقى ياردەم مەبلىغى نىشانى 47 مىليارد دوللار بولغان بولسىمۇ، ب د ت نىڭ ئېرىشكىنى ئاران 12 مىليارد دوللار بولغان. بۇ رەقەم، دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىيە خامچوتى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ 1% تىگە توغرا كەلگەن. ناۋادا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى جىددىي ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقان 135 مىليون ئىنسانغا ئىنسانپۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاز دېگەندە 33 مىليارد دوللار توپلىشى لازىم ئىكەن.
.
ئەمما، بارغانسىرى كارغا كەلمەيۋاتقان ب د ت غا ياردەم قىلىدىغان دۆلەتلەر، ئەمدى بۇ پۇللارنى ھەربىي تەرەققىياتقا سەرپ قىلماقتا. مەسىلەن، ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاجرىتىۋاتقان مەبلەغىلىرى يۈكسىلىپ: ياپونىيە 40%، گېرمانىيە 36%، جەنۇبىي كورىيە 31% بولماقتا.
.
ب د ت دا ئۈزۈل-كېسىل بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چۇقانلىرى خېلىدىن بۇيان مەۋجۇد. بىراق قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى نامەلۇم. دۆلەتلەر 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقىدا. ب د ت نىڭ پەريادىغا قۇلاق سالىدىغان زامان ئۆتۈپ كەتكەندەك.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments