ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﻤﯘ، ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻳﺪﯗ
4-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺯﯗﯞﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ „ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ“ ﺩﺍ „ﻛﻮﺋﯩﻨﻠﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﺎﻍ-ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ“ ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﮪﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 1937-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ (ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ)ﻏﺎ 130 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﺎﮪﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯘ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺷﻘﺎ ﺯﻭﺭ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻗﺎﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ 10 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 1943-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 144 ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﺎﭘﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ „ﮪﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ“ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.
ۋەھالەنكى، بۇ ماقالىدا بىرسۈرە يالغانلارغا ئورۇن بېرىلگەن.
1. 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلغان مەزگىل، شەرقىي تۈركىستانغا مىلىتارىست شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. ئەكسىچە، مىلىتارىست شېڭ شىسەي كوممۇنىستلارغا ئۆچ بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭنىڭ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ماۋ زېمىننى كوممۇنىست بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان. 130 نەپەر كوممۇنىست ئۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاندا پۈتۈنلەي مەخپىي ھەرىكەتلەردە بولغان. ماقالىدا بۇ ھەقتە ھىچقانداق بىر ئۇچۇر كۆزگە چېلىقمايدۇ. گويا شۇ دەۋىرلەردىمۇ شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زېمىنىدەك بىر تەسىرات ياراتماقچى بولىدۇ.
2. 1937-يىلى ياپونىيە خىتايغا ھۇجۇم قىلغاندا خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەس، بەلكى گۇئو مىنداڭ (مىللەتچى خىتاي) ئىدى. بۇ زاماندا مىللەتچى خىتاي بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئىچكىي ئۇرۇش قاينىمىدا بولۇپ، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن ئىككىسى بىرلىشىپ ياپونغا قارشى تۇرغان. ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئاخىرى 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندا مىللەتچى خىتايغا مەنسۇپ بولغان. كوممۇنىست خىتاي بۇنى ھازىر ئۆزىنىڭ غەلىبىسى قىلىۋېلىغلىق. مىللەتچى خىتاي 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايغا يېڭىلىپ تەيۋەنگە قاچقاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاندىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. مىلىتارىست شېڭ شىسەي 1944-يىللىرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەمەس، بەلكى مىللەتچى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۆتكەن. ماقالىدا بۇ دەۋىردە خىتايغا مىللەتچى خىتاينىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر كەلىمە سۆزمۇ يوق.
3. ماقالىدا 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدىمۇ ھىچنىمە دېمىگەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۇ زاماندا مىللەتچى خىتاي بىلەن كەسكىن كۆرەشلەرنى قىلغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستانغا 1949-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ۋە 1955-يىلى بۇ زېمىننى „شىن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى“ دەپ ئاتىغانلىقى توغرىسىدا ھىچبىر مەلۇمات يوق.
ئەگەر خىتايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارىختىن بۇيان „ھەمنەپەس، تەقدىرداش“ دەپ قاراپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى دىنىي ئىتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا، تىلىدىن ئادا-جۇدا بولۇشقا، ئۇيغۇرلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ، خىتايغا ئايلىنىشقا مەجبۇرلىمىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىغان بولاتتى. ھەممە تەشۋىقاتىغا يالغاننى ئارىلاشتۇرىمىسا قازىنى قاينىمايدىغان خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بۇ ماقالىدىكى بىمەنە بايانلىرىنىڭ تەنقىدكە لايىق تەرەپلىرى ئەسلىدە ناھايىتى كۆپ ئىدى.
https://www.chinanews.com.cn/sh/2025/09-04/10476373.shtml
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments