<<ياۋا كەپتەر>> مالاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسىدىن بولغان نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى <<ياۋا كەپتەر>> ناملىق بۇ مەشھۇر ھېكايىسىنى 2004-يىلى 24-مارت يازغان. ئەسەر 2004-يىلى 10-ئايدا „قەشقەر ئەدەبىياتى“ ژورنىلىنىڭ 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتور مۇشۇ ئەسىرى سەۋەبلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغان ئىدى.
نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئۈرۈمچىدىكى چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ۋە كۆپ ئازاپلانغان ئىدىم. بەك تەسىر قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئولتۇرغان-قوپقان يېرىمدە „خىتاي بىزنىڭ ھەقىقىي قەلەمكەشلىرىمىزگە مانا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ!“ دەپ سۆزلەپ يۈرگەن ئىدىم.
چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھەققىدە سورىغان چەت ئەللىكلەرگە „خىتاي ئۇ قەدەر شەرەپسىز، ئۇ قەدەر زالىمكى، بىر پارچە ھېكايە ئۈچۈن بىر ئىنساننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ“دەپ، ئالدى بىلەن نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى ۋە ئۇنىڭ <<ياۋا كەپتەر>> ھېكايىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭ مالايچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەنت بولدۇم. ئەجرى سىڭگەنلەرگە رەھمەت!
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments