• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ب د ت دىكى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار“

ب د ت دىكى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار“

.

ئەرتېكىن ئوغۇز

.

بۇندىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى، خەلقارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلىكى (ICIJ)) بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بارغانسىرى كۆپ „ھۆكۈمەتسىز“ تەشكىلاتلارنى ب د ت غا سوقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇلار قاتناشقان يىغىنلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ب د ت دىكى خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاھىدە دوكلاتچىلار ھەم ئادۋۇكاتلارغا تەھدىت سېلىش، ئۇلارنى قورقۇتۇپ بېسىقتۇرۇش قاتارلىق رەزىللىكلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

.

خەلقارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلىكى خىتاينىڭ ب د ت دىكى قىلمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاخبارات ئورگانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بولۇپ 42 ئورگاندىن تەركىپ تاپقان بىر كۈچ بىلەن ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ب د ت دا خىزمەت قىلىدىغان 15 نەپەر مۇتىخەسسىس ۋە ئالاھىدە دوكلاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“ دەپ ئاتالغان بەزى خىتاي كۈچلىرىنىڭ بېسىملىرىغا، تەھدىتلىرىگە يولۇققانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتايلاردىن بولغان بەزى خىتايغا قارشى كۈچلەرمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دائىم بۇ ئاتالمىش „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“لارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يولۇقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتاي، خوڭكوڭ، ئائۇمىن، ۋە تەيۋەندىن بولۇپ خىتاي تىللىق 106 „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“نىڭ ب د ت دا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 59 „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“نىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن زىچ ئالاقىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

.

بەلكىم بۇ 106 ئاتالمىش „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“نىڭ ھەممىسىلا خىتاي ئۈچۈن ئىشلىشى مۈمكىن. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەشكىلات مەنسۇپلىرى ب د ت دا خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرقېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۆزلىرىنى XX XX ناملىق „ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات“ دەپ ئاتىۋالغان خىتايلار سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە „شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلار“نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، „شىنجاڭ خەلقىنىڭ باي-باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى“نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

.

خۇددى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى 24-نويابىر ب د ت يىغىنىدا «ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻤﯘ؟» دەپ سورىغىنىدەك، ب د ت دا خىتاينىڭ ۋەزنى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا.

.

دېكابىرنىڭ 10-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن خىتايدىن خوڭكوڭدىكى ئوت ئاپىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشنى، ئىتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى قانۇنىغا تايىنىپ خالىغانچە باستۇرماسلىقنى تەلەب قىلغاندا، خىتاي تەرەپ گويا „كۆتۈڭنى قىسىپ، ئىشىڭنى قىل!“ دېگەندەك قاتتىق بىر جاۋاب بىلەن ئۇنىڭ بايانلىرىنى قېقىۋەتتى.

.

گەرچە ب د ت تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا زور دەرىجىدە زەئىپلەشكەن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەدلى-ئادالەتلىك بىر ياردەم كەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە دائىر نىدالار نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنى چېكىدۇ. زامان ھامان بىر كۈنى خىتاينى چېرىتىدۇ، ب د ت نىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى سەبىر ۋە قەيسەرلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. چۈنكى، بۇ يەردىن چىققان ھەرقانداق قارارنى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم كوزۇر سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ