• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ب د ت قوبۇل قىلغان „ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت“ قارارى

ب د ت قوبۇل قىلغان „ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت“ قارارى

.
ئەرتېكىن ئوغۇز

.
مارتنىڭ 26-كۈنى B B C ئېلان قىلغان خەۋەردە، ب د ت نىڭ ئافرىقىدىكى قۇل سودىسى ھەققىدە „ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت“ دەپ قارار قوبۇل قىلغانلىقى بايان قىلىندى. بۇ قارارنى ب د ت غا ئەزا 125 دۆلەت قوللىغان، 52 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئارگېنتىنادىن ئىبارەت 3 دۆلەت قارشى ئاۋاز بەرگەن.

ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينى زاماندا قۇل سودىسىغا ئىشتىراك قىلغان غەرب ئەللىرى بولۇپ، ئۇلار „ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنىڭ بەدىلىنى، بۈگۈنكىلەرنىڭ تۆلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى“ ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

„ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت“ قارارىنىڭ لايىھېسىنى سۇنغان دۆلەت گانا. گانا 1500-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئافرىقا قىتئەلىرىدىن ئامېرىكىغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەن 15 مىليون قۇلنىڭ ھېسابىنى سورىغان. تۆلەم تەلەپ قىلغان. ئەينى زاماندا ئافرىقىدىن بۇلاپ كېتىلگەن مىللىي كىملىكلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەب قىلىشقان. قەلب يارىلىرىغا داۋا ئىستەيدىغانلىقىنى، بۇ تارىخنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. بۇ تەكلىپنى ئافرىقا ئەللىرى قوللىغان.

بىراق، ئېلىنغان قارارلار نەقەدەر توغرا بولمىسۇن، تەلەبلەر نەقەدەر ئورۇنلۇق بولمىسۇن، بۇنىڭدىن ھازىرقى زاماندا رېيالنى بىر نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ھەركىم بىلىدۇ، تاكى ئافرىقا رەسمىي قەد كۆتۈرگەنگە قەدەر. شۇنداقتىمۇ، تارىخىي پاجىئەلەرنى ئۇنۇتماسلىق ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىق نۇقتىسىدىن مۇھىم.

ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇندىن 200 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن جىنايەتلەر ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان ب د ت، بۈگۈن كۆز ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلالمىدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى „ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرىشى مۈمكىن“ دەيدىغان مۈجىمەل دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئىككى يىل توسالغۇ بولدى.

ب د ت تەرىپىدىن 1945-يىلىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان „كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى“ ۋە „كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى“ 80 يىللىق بىر دەۋىرنى باشتىن كۆچۈرۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشقاندا، تۇنجى بولۇپ ئۇنى ياراتقانلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن 10 يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ب د ت نىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىۋالدى. كۈچ ۋە زوراۋانلىق ئادالەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى دەۋىر باشلاندى.

ب د ت نىڭ „ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەت“ كەبى قارارلىرىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان يېڭى بىر دۇنيا تەرتىبىنىڭ قاچان روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، ھەر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشلىرى، تۆكۈلگەن ھېسابسىز قانلار بەدىلىگە يېڭىدىن بىر خەلقارالىق سىستېما بەرپا قىلىنىدىغانلىقى رېياللىق. ئۇنىڭ قانداق بىر سىستېما بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش ئەۋلادلىرىمىزغا تالىق بولسا كېرەك.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ