• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

بالۇچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش تەس بولماقتا

بالۇچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش تەس بولماقتا

.

ئەرتېكىن ئوغۇز

.

ئاخبارات ۋاستىلىرى 4-فېۋرالدىكى خەۋەرلىرىدە، يانۋارنىڭ 31-كۈنىدىن بۇيانقى بالۇچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 250 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇ ھۇجۇمنى „بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“نىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئۆلگۈچىلەر تەركىبىدىكى خىتايلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

„بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“نىڭ ئىران، ئاۋغانىستان ۋە پاكىستان چىگراسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان مىللىيەتچى بالۇچىلارنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مەقسىدىنىڭ بالۇچىستاننى پاكىستاندىن ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى مەلۇم. „بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“نى پاكىستان، خىتاي، ئىران، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى „تېررورىستىك تەشكىلات“ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

بالۇچىلارنىڭ نوپۇسى 15 مىليون، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كېلىدۇ. بالۇچىستاننىڭ زېمىنى بولسا گېرمانىيە زېمىنىغا تەڭ دېگۈدەك بولۇپ، 347.190 km². ئۇ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا.

„بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“نىڭ قوراللىق ھەرىكەتلىرى 2000-يىللاردىن ئىتىبارەن كۆرۈنەرلىك بولغان. ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ كۆپىنچە ھالدا خىتاي بولىشى، دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىلارنىڭ بىرى. 1977-يىلىدىن ئىتىبارەن بالۇچىستانغا تەۋە بولغان گۋادار پورتىدا خىتايلارنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.

پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ كۈنلىكى ئاستىدا تەرلىشى، خىتاينىڭ قەشقەردىن باشلانغان „بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“غا ئاكتىپ زېمىن ھازىرلاپ بېرىشى، گۋادار پورتىنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى خىتايغا ئۇزۇن مۇددەتلىك سېتىشى ۋە بالۇچىستان تۇپراقلىرىنىڭ ئېنېرگىيەلىرىنى سۈمۈرىشى، بالۇچىلارنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنى تەسكىل قىلغان ئامىللار بولغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭمۇ، بالۇچىلارنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ باياناتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

قوراللىق بىر قۇۋۋەتنى ئارقا تېرەك قىلغان مۇجادىلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ يۇقۇرى بولىدىغانلىقى ئىسپات تەلەب قىلمايدۇ. بالۇچىلارنىڭ يىللاردىن بۇيان گۋادار پورتىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى ھەممىدىن بەكرەك خىتاينى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، گۋادار پورتى ھورمۇس بوغۇزىدىن چىققان خىتاي نېفت پاراخوتلىرىنىڭ مۇقەررەر ھالدا بېسىپ ئۆتىدىغان دېڭىز يولى تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە كېڭىيىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسى. بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلگەن „بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“، مەزكۇر دېڭىز پورتىدا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ „بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“غا ئىزچىل تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە.

گۋادار پورتى رايونىنىڭ كۆلىمى 570 km² بولۇپ، 270 مىڭغا يېقىن ئاھالە ياشايدۇ. دېڭىز لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 13 km. ئاھالىسى نامرات. خەلقنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خىتايغا بولغان غەزەپلىرى كۈچلۈك. ئەگەر خىتاينىڭ شاڭخەي شەھرىنىڭ نېفت ۋە تەبىئىي گاز ئىھتىياجىنى قامدايدىغان پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتەر يولى بولغان بۇ پورت قولدىن كەتسە، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاكىستان بۆلۈنۈپ، „بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“ ئۆز دۆلىتىنى قۇرسا، ئەلۋەتتىكى، بۇ خىتاي ئۈچۈن قاخشاتقۇچ بىر زەربە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى „بالۇچىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى“نى يوقىتىش ئارقىلىق رايوندىكى تەھدىتكە خاتىمە بېرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئاۋغانىستان، ئىران ۋە پاكىستان چىگرا رايونلىرىنى بازا قىلغان بۇ قوراللىق كۈچكە تېخى ئۈنۈملىك بىر زەربە بېرەلىگىنى يوق.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ