بىز كىم؟
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2020-يىلى دېكابىردا ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا قۇرۇلغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، تەتقىقات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەركىزىمىز ئۇيغۇر، قازاق، ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ۋە سىياسىي ھاياتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەركىزىمىز ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنى خەلقئارادا تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش شۇنداقلا ئاكادېمىك ساھە بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەركىزىمىز ئىلمىي تەتقىقات ۋە پائالىيەتچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ۋە دىنىي ئورۇنلارنى سىياسەت تەۋسىيەلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ۋەزىپىمىز
مەركىزىمىز ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت، سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق، ۋە دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى خىرىسلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ھەل قىلىشنى؛ ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىلمىي ھەمدە سىياسەت ئاساس قىلىنغان ماتېرىياللار ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەشنى نىشان قىلىدۇ. مەركىزىمىز كۈنىمىزدىكى تارىخى قىيىن شارائىتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، مىللىي كىملىكى ۋە دىنى ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان. مەركىزىمىز شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى، ئىقتىسادىي، ۋە مۇھىت جەھەتتىكى تەسىرلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋە ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە غورۇرنى قوغدايدىغان ھەل قىلىش چارىلىرنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.