دوكتۇر ئابباس بىلەن مەدىنەنى ھەيران قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان
ﺋﻪﺭﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺯ
ئۆكتەبىرنىڭ 6-كۈنى خىتاي تور بەتلىرىدە <<دوكتۇر ئابباسنىڭ شىنجاڭ خاتىرىسى>> ۋە <<بۇ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭنى نىمە ئۈچۈن بۇنچە ياخشى كۆرىدۇ>> ناملىق ئىككى قىسقا خەۋەر ئېلان قىلىندى.
<<دوكتۇر ئابباسنىڭ شىنجاڭ خاتىرىسى>>دا، پاكىستانلىق بۇ دوكتۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىگە بېرىپ، سالا-سالا كەتكەن كىۋەزلىكنى، بۇ كىۋەزلىكنىڭ ئەن-ئەنىۋى قول ئەمگىكىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقانلىقىنى، سۇغۇرۇش خىزمىتىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پۈتۈن ھېكايە بۇ. باشقا مەزمۇن يوق.
<<شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش: بۇ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭنى نىمە ئۈچۈن بۇنچە ياخشى كۆرىدۇ>> ناملىق خەۋەردە بولسا، ئاۋىسترالىيەلىك 80 ياشلىق مەدەنى خانىمنىڭ تۇرپان ئۈزۈمزارلىق رايونىدا مۇقام كۈيلىرىدىن مەست بولغانلىقى، قەشقەر قەدەمىي شەھرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھەيران قالغانلىقى، قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت مۆجىزىسى بولغان كارىزدىن زوقلانغانلىقى، تۇرپاننىڭ تاتلىق ئۈزۈملىرىدىن ھوزۇرلانغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەمىمىي كۈلكىسىدىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ھەم ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مەدىنە خانىم مۇنداق دەيدۇ؛ <<شىنجاڭ بەك گۈزەلكەن، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىپلا قالماي، ئادەملىرىمۇ ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن، ھەتتا ھاۋاسىمۇ تاتلىق ئىكەن. 80 يېشىمدا مېنىڭ بۇ جاينى ساياھەت قىلىش شىرىن چۈشۈم ئەمەلگە ئاشتى، كېلەر يىلى يەنە بىرقېتىم كېلىشنى ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇ قىلىمەن.>>
بۇ خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا، كوستارىكالىق ئارخىئولوگ رافائىل باشچىلىقىدىكى بىر گورۇپپا كىشىلەرنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا يارغول قەدىمىي شەھرى، مىڭ ئۆي بۇددا ئۆڭكۈرى، قوچۇ قەدىمىي شەھرى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە بولغانلىقى قوشۇپ قويۇلغان.
دوكتۇر ئابباس بىلەن مەدىنە خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە ۋە تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىق كۆز يېشىنىڭ كۆمۈلگەنلىكىنى بەلكىم بىلمەسلىكى مۈمكىن. بۇ تۇپراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردىن بەلكىم خەۋەرسىزدۇر. بەلكىم بىلسە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىش ئىستىكىدە بولغاندۇر. كوستارىكالىق ئارخىئولوگ رافائىل باشچىلىقىدىكى گورۇپپىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ بەلكىم ئىلمىي خىزمەتتۇر.
دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت ۋە ئىلمىي خىزمەتلەردە بولۇش بۈگۈنكى دۇنيادا نورمال بىر ئىش. بۇنى ئالاھىدە خەۋەر ھالىغا كەلتۈرۈپ مەتبۇئاتتا تەشۋىق قىلىش بولسا نورمالسىز. „ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك!“
بىرقانچە ئاي ئىلگىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر سىن فىلىمى تارقالدى. فىلىمدا ئۈرۈمچى ئايرىدۇرىمىغا چۈشكەن چەت ئەللىك يولۇچىلارنى بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا-سازلار بىلەن قارشى ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىۋاتاتتى. نەق مەيداندا چامىدانىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان بىر چەت ئەللىك ياشانغان ئايال: <<دۇنيانىڭ نەرىدە ساياھەتچىلەرنى ئۇسۇل ئويناپ قارشى ئالىدىغان ئىش بار؟>> دېدى. دېمىسىمۇ بىمەنىلىك ئىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇپ، بۇ تۇپراقنى نورمال بىر زېمىن ھالىدا كۆرسىتىش، ھەتتا بۇ زېمىننىڭ خەلقىنىڭ ھەركۈنى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپلا يۈرىدىغان بەھتىيار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بۈگۈن كىشىلەر ھېس قىلماقتا.
ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى چەت ئەللىكلەر قىزىقىدىغان بارلىق ساياھەت رايونلىرىغا كۈنبويى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدىغان ئۇيغۇر ئارتىستلار مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ساياھەتچىلەرنىڭ „ئېزىپ قېلىپ باشقا يەرگە كېتىپ قالماسلىقى“ ئۈچۈن ئۇلارغا مەخسۇس ھەقسىز „يول باشلىغۇچىلار“ بەلگىلەنگەن. مەيلى شەخسىي ياكى كوللىكتىپ بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە كەلگەن ھەرقانداق چەت ئەللىك 24 سائەت كۈزىتىلىپ، „بىخەتەرلىكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدىغان“ تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇرلار بولسا، چەت ئەللىكنى كۆرگەندە ئۇلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى لازىمكى، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاغا لايىق.
شەخسىي ياكى ئىلمىي ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆز سىياسىتىگە مال قىلىدىغان بۇنداق شەرەپسىزلىك باشقا مىللەتتە بار-يوق، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. ئەمما خىتايدا نومۇسسىزلىقنىڭ ھەممە ئېلىمىنتى تېپىلىدىكەن.
https://finance.sina.com.cn/jjxw/2025-10-06/doc-infsxvcp2487965.shtml
http://news.cnwest.com/szyw/a/2025/10/06/23209799.html
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments