• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

دۆلەت غەزىنىسى قۇرىۋاتقان، ئىش پۇرسىتى ئازىيىۋاتقان خىتايدا قارشىلىقلار كۈچەيمەكتە

دۆلەت غەزىنىسى قۇرىۋاتقان، ئىش پۇرسىتى ئازىيىۋاتقان خىتايدا قارشىلىقلار كۈچەيمەكتە

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى 2016-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلارنى ۋايىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىتاي پۇخرالىرىغا بولغان نازارەت ھەم كونتىرولنىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈردى.

خىتاينىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغۇچىلىرى، ئادالەت ئىستىگەن ئادۋۇكاتلىرىمۇ تۈركۈم تۈركۈملەپ تۇرمىلارغا قامالدى. مۇتلەق مۇقىم بولغان بىر جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز پۇقرالىرىنى ئەڭ قاتتىق تەرتىپتە ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، زوراۋانلىق ھوقۇقىنى كېڭەيىتتى. بۇنىڭ بىلەن، جان بېقىش بارغانسىرى تەسلىشىۋاتقان خىتايدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەسىلەن؛ كۆۋرۈكلەرگە „يوقالسۇن شى جىنپىڭ، يوقالسۇن كومپارتىيە!“ دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېسىش، ھاجەتخانىلارغا، يولبويىدىكى تاملارغا ھاكىمىيەتكە قارشى شۇئارلارنى چاپلاش.

„يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى“ 8-سىنتەبىر ئېلان قىلغان „خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىنىڭ ئارقا پەردىسىگە يوشۇرۇنغان كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى ھەرىكەتلەر“ تېمىسىدىكى ماقالىدا مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنغان:

يېقىندا 30 مىليون نوپۇسى بولغان چوڭچىڭ شەھرىدىكى بىر ئېگىز بىنانىڭ تېمىغا كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا „ئەركىنلىك سوۋغات ئەمەس، بىز ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىشىمىز كېرەك! كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغاندىلا، ئاندىن يېڭى جۇگگو بولىدۇ!“ دېگەن خەت ئاپپارات ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن.

بۇ يەردىكى „كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغاندىلا، ئاندىن يېڭى جۇگگو بولىدۇ“ دېگەن گەپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاي خەلقىنى ئالداپ كەلگەن „كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇگگو بولمايدۇ“ دېگەن سۆزىنىڭ دەل ئەكسى ئىدى.

بۇ خەت ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى قاپلىغان. ئارىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ساقچىلار بىنانىڭ قارشىسىدىكى مېھمانخانىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ ئىسيانچىنى تۇتماقچى بولغان. قارىسا ھىچكىم يوق. پەقەت خەت چۈشۈرىۋاتقان ئاپپارات بار. ئۇ يەرگە قول بىلەن قەغەزگە يېزىلغان بىر خەت تاشلاپ قويۇلغان.

ئىسيانچى خەتتە بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ يالغۇز قىلغانلىقىنى، گۇمان بىلەن باشقىلارنى بىكاردىن تۇتۇپ سولىماسلىقنى، خىتايدىكى ھەر بىر ئائىلىدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلارنىڭمۇ بۇ قىسمەتكە دۇچ كېلىشىنىڭ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئەسلىدە، بۇ ئىشنى چى خوڭ ئىسىملىك بىر خىتاي قىلغان. ئۇ ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا تامغا خەت چۈشۈرىدىغان ئاپپاراتنى ئورنىتىپ قويۇپ، ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ بۈيۈك بېرىتانىيەگە قاراپ ئۇچقان ۋە ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئاپپاراتنى قوزغاتقان.

ماقالىدا بايان قىلىشىچە، 2025-يىلى 6- ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان 6 ئاي ئىچىدە، خىتايدا 1065 قېتىم نامايىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تورغا مەسئۇل غايەت زور ساندىكى قوشۇنلىرى ئىجتىماي تاراتقۇلارنى ھەر زامان نازارەت قىلىپ تۇرسىمۇ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تارقىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلارنى چەكلەشلىرى يۇقۇرى سەۋىيەگە يىتەلمىگەن. خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پىكىر قىلغۇچىلارمۇ ھەرخىل تاكتىكىلار بىلەن تورغا كىرىپ، قارشىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىزىنى يوشۇرىدىغان بولغان.

2016-يىللىرىغا قەدەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنگەن خىتاي ياشلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ھېسلىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە ئەگەشكەن ھەم ئۇنى قوللاش تەرپدارى بولغان. 2019-يىلىدىن كېيىنكى كورۇنا دەۋرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان قاتتىق رېجىم سەۋەبلىك خىتاي پۇخرالىرى ھاكىمىيەتتىن يىرگىنىشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، قانچە مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئىشسىز قېلىشى سەۋەبلىك خىتايدا ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقلار تۇشمۇ-تۇشتىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

ماقالىدا تىلغا ئېلىشىچە، خىتاينىڭ غەزىنىسىنىڭ بارغانسىرى قۇرۇپ مېڭىشى، ئىشسىزلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىشى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ياشلاردىن ئايرىلىپ قالماقتىكەن ۋە پۇخرالارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان ئىشەنچى يوقالماقتا ئىكەن.

خىتايدا ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقلارنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىدىغانلىقى بىر مۇقەررەرلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي پۇخرالىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىشى تېخىمۇ ئوچۇق مۇقەررەرلىك.

 

https://www.nzz.ch/international/proteste-in-china-nehmen-zu-wie-diese-hightech-aktion-in-chongqing-ld.1900771

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ