• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

دۇنيانىڭ بارغانسىرى مەنىسىزلىشىۋاتقان جازا تەدبىرلىرى

دۇنيانىڭ بارغانسىرى مەنىسىزلىشىۋاتقان جازا تەدبىرلىرى
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
„مۇتىھەملىك خەلقارا قانۇننىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بېلىنى پۈكمەكتە، ئىنسانىيلىقنىڭ يۈزىنى تۆكمەكتە!“ دەپ قاخشاۋاتقانلار كۆپ. ئەتىنىڭ زىياسىنى بۈگۈن كۆرگىلى بولمىغاچ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلار توغرا يولدا — سۈكۈتتە.
بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى، ناۋادا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىرەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ياكى ئۇنىڭ بەزى مەنسۇپلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرلىرى ئېلان قىلسا، خەلقارا مەتبۇئاتلار „ئالەم مالەم بولۇپ كەتكەندەك“ خەۋەرلەرنى بىرەتتى. بۇنىڭ دۇنيادىكى ھەرساھە پۇخرالارغا بولغان تەسىرىمۇ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ خىلدىكى جازالارنىڭ ۋەزنى ئاجىزلاپ، گويا كىچىك بالىلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغاندا بىر بىرىگە قىيداپ „سەن ئەسكى، ئەمدى سەن بىلەن ئوينىمايمەن“ دېگىنىدەك مەنىسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 12-يانۋار كۈنى ئىراندىكى پۇخرالارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىران دۆلىتىگە قارىتا يەنە يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىمبارگوغا يولۇققان دۆلەت بولسا كېرەك. ئىران دۆلىتى 1980-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپلا „كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش“، „ئاتوم پروگراممىسى بىلەن شۇغۇللىنىش“ … سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈرلىك شەكىللەردىكى ئىمبارگوسىغا دۇچ كەلگەن. يالغۇز دۆلەت جازالارغا ئۇچراپلا قالماي، ھازىرغا قەدەر ئىراندىكى 40 ئورگان، 230 شەخس جازالارغا يولۇققان. ئەمما قانچىلىك ئېغىر قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىشىدىن، قانچىلىك ئىچكىي-تاشقىي زەربىلەرگە يولۇقىشىدىن قەتىي نەزەر، ئىران ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەۋجۇدلىقىنى يوقاتماي كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئىراندىكى قارشىلىقلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە كاللا ئۇپرىتىش ۋەزىپىمىز يوق.
خىتاي 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قامىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندا، ئۆزلىرىنى ئادالەتنىڭ ساھىپلىرى، ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىسى كۆرسىتىپ كەلگەنلەر خېلىغىچە ئىقتىسادىي مەنپىئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆزلىرىنى يۇمىۋالغان، قۇلاقلىرىنى يوپۇرىۋالغان ئىدى.
دەل شۇ ئادالەتنىڭ بوينى پۈكۈلگەن، ھەقىقەتنىڭ باغرى سۆكۈلگەن زاماندا سۈكۈت يولىنى تاللىۋالغان دۇنيانىڭ بۈگۈن ئېرىشكەنلىرى، مەنچە ئارزۇ قىلغانلىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى.
خىتاي „ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىي ئىشى، ھىچكىمنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز“ دەپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆزىچىلا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندا ئۇنىڭغا قارىتا سۈكۈت يولىنى تۇتقانلار، ئەسلىدە شۇ چاغدىلا ئىنسانىيلىقنىڭ تېرە تاشلىشىغا، زالىملىقنىڭ يۈكسىلىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن ئىدى. ( زىياننىڭ ئىگىسى بىز بولغاچقا، تاپا-تەنە قىلىشقا ھەققىمىز بار.)
توغرىسى، ئەنە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن زوراۋانلارنىڭ كۈچ كۆرسىتىش زامانى باشلاندى. „نېمە قىلالايتىڭ!؟“ دەيدىغان ئۆكتەملىكنىڭ دۇمبىقى ياڭرىدى. دېكتاتورلار بىلەن دېموكراتلارنىڭ رەڭگىدىكى پەرق ئازايدى. مۇشتۇمزورلار ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ سەللىسى بولغان دېموكراتىيەنى، دۇنيا تېنىچلىقىنىڭ كاپالىتى ھېسابلانغان خەلقارا قانۇنلارنى „غەربنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن مەدەنىيەتلىرى“ سۈپىتىدە پەسلەشتۈرۈپ، ئەخلەت دۆۋىلىرىگە تاشلاشتى. 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقارادا يۈز بەرگەن بىرتالاي پاجىئەلەر بۇنىڭ شاھىدى بولۇپ قالدى.
ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن جاۋاب تېپىش قېيىن بولغان نۇرغۇنلىغان سۇئاللار تۇغۇلماقتا. چۈنكى، بۈگۈن خەلقارا سوت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئادالەت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ياكى خەلقارالىق جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن جىنايەتكارلارنى خالىغان دۆلەتلەر ئاستىغا قىزىل گىلەملەرنى سېلىپ كۈتىۋالىدۇ. تۈنىگۈنكى تېررورىست، بۈگۈن دۆلەت باشلىغى بولالايدۇ. بۈگۈنكى دۆلەت باشلىقى، ئەتە „تېررورىست“قا ئايلىنىپ قالىدۇ. خالىغانلار مۇستەملىكىچىنىڭ، دېكتاتورلارنىڭ تەرىپىنى تۇتىدۇ، خالىغانلار ھىچكىمنىڭ. مىليونلىغان ئىنساننىڭ قاتىلى بولغان شى جىنپىڭغا ئوخشاش جاللاتلار يەنىلا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە „ھەممىدىن ئەزىز مېھمان“ ھېسابلىنىدۇ. مەنپىئەتنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھىچنىمە يوق!
بۇنداق بىر زاماندا، بىر دۆلەت ياكى بىر تەشكىلاتنىڭ، يەنە بىر دۆلەت ياكى تەشكىلاتقا ئىمبارگو يۈرگۈزىشىنىڭ نېمە مەنىسى بولىدۇ؟ ئەگەر „پەرۋايىم پەلەك!“ دەپ يولىغا كېتىۋەرسە، كىم، نېمە قىلالايدۇ؟
قارىغاندا، ھەممە نەرسە كۈچكە، پۇلغا تايىنىپ، ئۆز قىممىتىنى تارازىغا سالىدىغان بىر زامان كېلىدىغاندەك. بۇ زاماننى 3-دۇنيا ئۇرۇشى يارىتامدۇ ياكى باشقا بىر كۈچمۇ؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ