• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

گېرمانىيە: „ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرسا بولمايدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمە يوق“

گېرمانىيە: „ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرسا بولمايدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمە يوق“

گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى ئانجىلا مەركىل زامىنىدا (بەلكىم 2012-2014-يىللىرى ئارىسىدا بولسا كېرەك)، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەرىدىن 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياش خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى مەركىل ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىدلەشكە باشلىغان. بۇ بېسىم سەۋەبىدىن، گېرمانىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىكى „ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ“ دەيدىغان مەزمۇندا بىر بۇيرۇقنى چىقىرىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە قاچقۇنلار ئىشخانىسىنىڭ مۇشۇ بويىچە ئىجرا قىلىشىنى بۇيرىغان ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلغان ئابدۇللا (ئەگەر ئىسمى ئېسىمدە توغرا قالغان بولسا)نىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

دەرۋەقە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى ئۇزۇن ئۆتمەي، ئابدۇللانىڭ خىتايدا 3 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمۇشقا تېرىشقان.

„ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ“ دەيدىغان مەزمۇندىكى بۇيرۇقنى ئۆز ۋاقتىدا شىۋېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ چىقارغان. بىراق بۇ بۇيرۇق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەدە ئەمەلدىن قالغاندەك قىلىدۇ.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيەنىڭ Nieder sachsen ئۆلكىسىدىن 56 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايال خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن قوزغالغان مۇنازىرىلەر داۋامىدا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىچكىي ئىشلار مېنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى „ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەيدىغان بۇيرۇق مەۋجۇد ئەمەس“ دېگەن. بۇ ئۇچۇرنى گېرمانىيەنىڭ بۈگۈنكى <<ئەينەك>>، <<ھامبۇرگ سەھەر گېزىتى>> قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

دېمەككى، چەت ئەللىكلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۇرتلىرىغا قايتۇرۇشقا باشلىغان گېرمانىيەدە „ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ“ دەيدىغان بۇيرۇق ئەمدى مەۋجۇد ئەمەس ياكى ھازىرقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىچكىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىشى مۈمكىن. بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋال.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ