• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندىستان سەپىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2022- يىلى 16- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، ئۇ ھىندىستاندىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە بۇنىڭ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. ئالاقىدار پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن بىر ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلدى.

تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىىسى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىقى، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى ۋە بۇنىڭ ھىندىستانغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى… قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ھەر قايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ھىندىستان خەلقىگە تۇنۇتۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قىلغان زىيارىتى ئەسناسىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەت پروفىسسورلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا ھىندىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىسلەرنى يىتىشتۈرۈشنىڭ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ھىندىستان زىيارىتى ھىندىستاندىكى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. تاراتقۇ زىيارەتلىرى قاتارىدا، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ھىندىستاندىكى كۆرۈرمەن سانى ئەڭ كۆپ ABP قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا جانلىق مىساللار بىلەن، مىليونلىغان ھىندىستان خەلقىگە ئاڭلاتتى.

ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يىغىپ ئېيتقاندا، ھىندىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋىرى يوقكەن. بىراق، ھىندىستانلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىكەن. لاياقەتلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن توغرا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھىندىستاندا تەسىر قوزغاش مۇمكىنچىلىكى باركەن. يەنە بىرى، ھىندىستان تاراتقۇلىرى ئارقىلىق بېنگال، نىپال، سېرىلانكا ھەتتا پاكىستان خەلقلىرىگىمۇ ئۇيغۇر ئاۋازىنى يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.»

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ