• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ناملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 17- ۋە 18- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۆرىشى» ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى  ئېچىلدى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، مەجبۇرى ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش… قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈش ھەققىدە دوكلات سۇندى.

يىغىننىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى شەرقىي تۈركىىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەرەب ۋە تۈرك ئىسلام دۇنياسىغا قانداق ئاڭلىتىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمگە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ بۆلۈمدە ئالدى بىلەن  ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇمۇمىي ئىسلام دۇنياسىغا قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى توغرىسىدا كونكېرت دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئۆمەر قۇل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەدە ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق قىلغاندا تۈرك دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرەلەيمىز؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەرەب – ئىسلام دۇنياسى مەسئۇلى ۋە ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالدى.

جەمئىي 9 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلامچىلىقى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، شۇنداقلا  تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىككى كۈن داۋام قىلىپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ