• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

جاكارتا مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 03- كۈنى ھىندۇنېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھىندىنۇزىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يېغىنغا جاكارتا مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ئالى نۇئېر زامان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئ‍ېۋى ساتىسپى خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ھىندىنۇزىيەنىڭ سابىق ئۆزبېكىستان باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئەسرۇچىن، ھىندىنۇزىيەلىك ئالىي ژۇرنالىست ئات سۇريا سافات، جاكارتا مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېىتىنىڭ لېكتورى دوكتور ئاسېف سېتىياۋان ۋە مالايسىيادىن تەكلىپ قىلىنغان موھد خەيرۇل ئەنۋەر ئەپەندىم… قاتارلىقلار دوكلات بەردى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ھىندۇنېزىيەلىك ئاكادېمىسيەنلەر، ئاكتىۋېستلار، مۇخبىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالار قاتناشتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ