• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

جاكارتادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئارالىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 07- كۈنى ھىندۇنېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رولى: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەۋجۇت شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئىمكانىيەتلىك يوللىرى» دېگەن تېمىدا بىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسى ۋە پېمۇدا پېرسىس تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى.

بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، تەشۋىقات مەسئۇلى ھەزرىتى ئەلى، پاداجاران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا قانۇن پروفىسسورى لەتىپۇل ھايات، ئىسلام تارىخچىسى دوكتور تىيار ئەنۋەر، مالايسىيا ئىسلام ياشلار ھەرىكىتىدىن موھد خەيرۇل ئەنۋەر، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاستېرىد ناديا رىزقىتا… قاتارلىقلار لېكسىيە سۆزلىدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ