„كاللام كەتسىمۇ، بېشىم ئىگىلمەيدۇ“ دېگەن خىتاي 5 يىللىق كېسىلگەن
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرى يالغۇز شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ زالىملارچە دەۋىر سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى شىيې ياڭ 2022-يىلى يانۋاردا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يوڭشۈن ناھىيەسىگە بېرىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي قاماپ قويۇلغان لى تىيەنتىيەن ئىسىملىك ئايال ئوقۇتقۇچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن „دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترۇتۇش“ جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ خۇددى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ئامېرىكادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايىتىنى ئەيىپلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىدىدە ۋەتەندىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى قولغا ئېلىپ „دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترۇتۇش“ جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسى بەرگەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
2025-يىللىرىغا قەدەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى شىيې ياڭنى قويۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان. 2026- يانۋار ۋە فېۋرالدا يەنە شىيې ياڭ ھەققىدە قايتا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، 2026-يىلى 23-مارت كۈنى چاڭشا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، 100 مىڭ يۈۋەنلىك مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەرگەن.
شىيې ياڭ تۇرمىدىن بىر دوستىغا چىقارغان مەخپىي خېتىدە „كاللام كەتسە كەتسۇنكى، بېشىم ئىگىلمەيدۇ“ دەپ يازغان.
شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر قېيىن-قىستاقلار ئالدىدا „كاللام كەتسە كەتسۇنكى، بېشىم ئىگىلمەيدۇ“دەپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىگە سېلىشتۇرغاندا، شىيې ياڭنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسى ھىچگەپ ئەمەس.
بىز ئۇيغۇرلاردا 10 يىللاپ، 20 يىللاپ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىش، 1949-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بىر سىياسىي ھايات. بىراق، ب د ت غا ئوخشاش خەلقارلىق ئورگانلارنىڭ كۆزى بۇ پاجىئەلەرنى كۆرمەيدۇ. دۇنيانىڭ ئادالەت تارازى بۇ قۇربانلىقلارنىڭ ۋەزنىنى ئۆلچەشكە قادىر ئەمەس.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments