• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

كوزۇر بولۇش — تاللاش ئەمەس، مەجبۇر قېلىشتۇر

كوزۇر بولۇش — تاللاش ئەمەس، مەجبۇر قېلىشتۇر

.

ﺋﻪﺭﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺯ

.

باشقىلارنىڭ كوزۇرى بولۇش، خالاپ تاللىۋالىدىغان يول ئەمەس، چارىسىزلىك ئىچىدە قوبۇل قىلىدىغان تەدبىردۇر. ئەلمىساقتىن، سىرتقى كۈچلەر بىر دۆلەتنى پارچىلاشنى ياكى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ دۆلەتتىكى ئېتنىك گورۇپپىلارنى مەۋجۇد ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ كەلگەن. بۈگۈنمۇ دۇنيادا ئوخشاش قىسمەت تەدبىقلىنىپ كېلىنمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئىراندىكى سانى 2000 غا يەتمەيدىغان كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن كوزۇر سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كۆپلەپ تارقىلىۋاتىدۇ. سۈرىيەدىكى ۋە ئىراقتىكى كۈرت قوراللىقلىرىنىڭمۇ باشقىلارغا ھاماقەتلەرچە كوزۇر بولغانلىقى، كوزۇرلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە تاشلىۋېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر يالغۇز تۈركلەر ئىچىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇد. دەرۋەقە بۇلار، بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئويلاندۇرىدىغان تېمىلاردۇر.

ئەلۋەتتە، يۇقارقى قاراشنىڭ توغرا تەرىپىمۇ، خاتا تەرىپىمۇ بولىشى مۈمكىن.

توغرا بولغىنى، كۈچلۈكلەر ھەر زامان كوزۇر قىلىپ ئىشلەتكەن ئاجىزلارنى ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ياكى رولى تۈگىگەندىن كېيىن تاشلىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ كوزۇرلار يېڭى بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئېلىمېنتى بولۇشقا لايىق كۆرۈلسە ۋە بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىيەتتە ئىشقا يارىسا، ئۇنىڭ يولى باشقا.

خاتا بولغىنى، كوزۇر بولۇشنى خالىغان ئاجىزلارنى چۈشىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكىدۇر. بىر توپلۇم ياكى بىر مىللەت، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ياكى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇربى يەتكەن ھەر چارىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ كوزۇرى بولۇش ئارزۇسى يوق. ئەمما، چارىسىزلىك، ئىھتىياج ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كوزۇر قىلىنىۋاتقانلىقى بىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ كوزۇرلۇق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئەسكىرىي، ئىقتىسادىي، خەلقارا تەسىر ياكى باشقا مەقسەدلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كوزۇرلۇقىنى بىلمەي كوزۇر بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپ ئەمەس. يەنە كېلىپ، „كوزۇر بولىمەن“ دەپلا بولىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. كۈچلۈكلەرمۇ كوزۇرلۇق لاياقىتىگە ئىگە بولغانلارنى، قولىدىن ئىش چىقىدىغانلارنى كوزۇر قىلىپ تاللايدۇ ۋە تېگىشلىك تەربىيە، ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاجىزلارمۇ بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

„كوزۇر“ مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، كوزۇر قىلغۇچىنىڭمۇ، كوزۇر بولغۇچىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەنتىقىسى، غايىسى بولىدىغانلىقىنى دىققەتكە ئالغان ياخشىدۇر. دۆلەتلەر، ھاكىمىيەتلەر ياكى قارشى گورۇپپىلار، ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنپىئەتلىك بولغاننى تاللايدۇ. مەنپىئەت ئالدىدا، ھەر قورغان — خاھى ماددىي، خاھى مەنىۋىي بولسۇن – چاك چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ. „ھىچبىر نەرسە كۆرۈنگىنىدەك ئەمەس!“

„پىكىر ئەركىنلىكى“، „ئاخبارات ئەركىنلىكى“ 80 يىللىق گۈللىنىشتىن كېيىن، بىردىنلا چۆكۈشكە يۈزلەنگەن بىر دەۋىرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇستەبىت دۆلەتلەردىمۇ، دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش. ئەسلى مەقسەد „ئۇيغۇر كوزۇرى“ ھەققىدە ئاز-تولا پىكىر بايان قىلىش ئىدى. ھازىرچە، بۇ نازۇك تېمىغا كىرىشتىن چېكىنىش توغرا بولسا كېرەك. چۈنكى، „ئۇيغۇر كوزۇرى“ كۆپ دۆلەتلەرگە، كۆپ مىللەتلەرگە، كۆپلىگەن تارىخىي پاكىتلارغا چېتىلىدىغان بىر ساھە.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ