مەنپىئەتلەر توقۇنۇشىنىڭ سىناق باسقۇچلىرى — كۈچلۈكلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئىستراتېگىيەلىرىدىكى ئوخشاشلىق
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
مۇتىخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىغا كۆرە، دۇنيادىكى ئۈچ گېگانت دۆلەت سانالغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قوللانغان ئىشغالىيەت سىناقلىرى تاكتېكا جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئورتاقلىققا ئىگە.
1. خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ھۇل قۇرۇلۇشى
خىتاي 1997-يىلى خوڭكوڭنى ئەنگىلىيەدىن قايتۇرىۋالغاندىن كېيىن، „قان تۆكمەي جان ئېلىش“ , “ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇش”, “گۆش كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش” ئىستراتېگىيەسىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تەدبىقلاشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى „قەرز توزىقى“غا چۈشۈرۈپ، خىتايغا بېقىنىپ ياشايدىغان ھالغا كەلتۈردى. ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بۇ قىلتاقتىن نېسىۋىسىنى ئالدى. خىتاي بۇنى „ئىقتىسادىي ھەمكارلىق“ دەپ ئاتالغان چىرايلىق نام ئاستىدىكى ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. „بىر بەلۋاغ، بىر يول“ خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ھۇل قۇرۇلۇشى ئىدى.
خىتاي دۇنيانى مەھسۇلات ۋە خام ئەشيادا ئۆزىگە بېقىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى دەپ قارىغان شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، ئاشكارە ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. خەلقارا ئاتالغۇلاردا، بۇ „ئارقا ھويلىسىنى پاكىزلاش“ دەپ ئاتىلاتتى.
شەرقىي تۈركىستاندا بۇ سىناقلار يولغا قويۇلىۋاتقاندا، „بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم“نىڭ سايىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خوڭكوڭلۇقلار „شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى، بىزنىڭ ئەتىمىز!“ دەپ نامايىشلار قىلدى. ئەمما بۇنىڭ پايدىسى بولمىدى. چۈنكى، دۇنيا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قانداق بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغان بولسا، خوڭكوڭنىڭ تەقدىرىگىمۇ شۇنداق پوزىتسىيە تۇتتى. شەرقىي تۈركىستان پانىي دۇنيانىڭ دوزىقىغا ئايلانغان بولسا، خوڭكوڭ دۇنيانىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسىگە ئايلاندى.
ئەمدى نۆۋەت تەيۋەنگە كەلگەن ئىدى. تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا نەرە تارتىۋاتقان خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتلىرى، بۈگۈن „مانىۋېر“ تۈسىدە بولغان بولسا، ئەتە رەسمىي تاجاۋۇزغا ئايلىنىشى مۈمكىن. ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى، ئاخبارتلاردا تىلغا ئېلىنىۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس، مەنپىئەتلىرىگە باغلىق.
شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىش، نوپۇسقا قاراپ زېمىن تەخسىملەش، خىتايچە بىر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ھازىرقى دۇنيا تەرتىبىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىرادىسىدا ئۆزگۈرۈش بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئورتاقلىقى مەۋجۇد.
2. رۇسىيە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ دەسلەپكى سىناقلىرى
مۇتىخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ بۈگۈنكى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى „تارىخىي پاجىئە!“ دەپ ئاتىشى تاسادىبىيلىق ئەمەس. پۇتىن ھاكىمىيىتى 90-يىللاردا بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن بارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنى قايتىدىن قوشۇۋېلىش، ھەتتا چاررۇسىيە زامانىدىكىدىنمۇ زور بولغان بىر تېررىتورىيەگە ئېرىشىش تاماسىدا بولىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمايدۇ. پۇتىن „رۇسىيەنىڭ چىگراسىنىڭ چېكى يوق“ دېيىش ئارقىلىق، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن. پۇتىننىڭ نەزىرىدە، دېموكراتىيە گويا سوتسىيالىزىمگە ئوخشاشلا بىرخىل ئىدىئولوگىيە، خالاس.
ناتو نىڭ ئۆز چىگراسىغا بارغانسىرى يېقىنلاۋاتقانلىقىنى، سابىق مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ غەربكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كېرىمىل ھاكىمىيىتى، دەسلەپتە 2008-يىلى ئۆزلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان گرۇزىيەگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنىڭ بىرقىسمىنى ئىگىلىدى ھەمدە چىگراسىنى بارغانسىرى گرۇزىيە ئىچىگە سۈرۈشكە باشلىدى. بۇ سىناق ئالدىدا، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ سانالغان NATO دىن تۈزۈك بىر ئىنكاس چىقمىدى. زامانىۋىي ياۋروپامۇ ئاخشاش.
پۇتىن 2014-يىلى ئۇكرائىناغا تەۋە بولغان قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق سىناقنى باشلىغاندا، دۇنيانىڭ قارشىلىق ئىنكاسلىرىدا رۇسىيەنى چۆچۈتكىدەك بىر نەرسە ئۆزىنى كۆرسىتەلمىدى. دېمەك، رۇسىيەگە تاقابىل تۇرغىدەك ماغدۇر نە NATO، نە ياۋروپادا يوق.
خىتاي ۋىرۇسى بىلەن باشلانغان كورۇنا دەۋرى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان بىر مەزگىلدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىگە پۇتىن قاتناشتى. شۇ چاغدا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ „رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چېكى يوق!“ دەپ ئېلان قىلدى. غەرب بۇ گەپكە ئانچە بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى. ئەمما 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە رەسمىي ھالدا ئۇكرائىناغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىدى. خىتاي بولسا “بىتەرەپ”لىك نىقاۋى ئاستىدا ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى ھېس قىلىپ، ئۇكرائىنانى قوللىدى ۋە ھەربىي كۈچىنى جىددىي رەۋىشتە كۈچەيتىشكە كىرىشتى. ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ كىمنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. „بەلكىم ئۇكرائىنا، بىر كۈنلىرى مەنپىئەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشى مۈمكىن“ دېگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس.
3. ئامېرىكانىڭ غەربىي يېرىم شارنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇنۇشى
مۇتىخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تەسىرى، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى تەسىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئامېرىكادىن ئېرىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپىئەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا قارىتا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرى (ئامېرىكىنىڭ ئىچكىي نىزالىرىغا سەۋەب بولىۋاتقان ئامىللار، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيانكەشلىكلىرى) ئامېرىكىنى چۆچىتىدىغان ھالغا كەلگەن.
„ئامېرىكا بىرىنچى!“. „خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك چارىسى؛ قۇدرەتلىك بىر ئامېرىكا قۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ“ چۈشەنچىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى، ئالدى بىلەن „ئارقا ھويلىسىنى پاكىزلاش“قا تۇتۇش قىلغان. مۇتىخەسسىسلەر ترامپنىڭ كانادانى قوشۇۋېلىش، گرۆنلاندنى سېتىۋېلىش ياكى بېسىۋېلىش، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ بۇ تۇپراقلاردىكى خىتاي تەسىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش، خىتايلارنى غەربىي يېرىم شاردىن تولۇق سىقىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ۋېنىسۇئېلا پرىزدېنتى مادۇرونى تۇتۇپ كېتىش، ئامېرىكانىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەسلەپكى سىناقلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا. مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكانىڭ بۇ سىنىقى ئالدىدا ۋېنىسۇئېلانىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيە „قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش“تىن باشقا چارىسى يوقلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىل زورلۇق تۈسىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا.
بىراق، ترامپنىڭ خىتايغا قوللىنىۋاتقان تاموجنا بېجى سىياسىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئەسىرگە يېقىن زاماندىن بۇيانقى قىممەت قاراش بىرلىكىگە ئىگە ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ قوللىنىشىنىڭ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكادىن يىراقلىشىپ، خىتاي ۋە رۇسىيەگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىمۇ تەكىتلەنمەكتە.
خۇلاسە قىلغاندا، دۇنيادىكى ئۈچ گېگانت دۆلەت سانالغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىشغالىيەت سىناقلىرىنىڭ تاكتېكا جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئۆز ھەرىكەتلىرىنى „دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش“، „تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش“، „دۇنيا تېنىچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش“، „دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش“….. دېگەندەك سىپايە كەلىمىلەر بىلەن پەردازلايدىكەن.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments