„قەشقەر لوڭقىسى“ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ نامى
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايان قىلىشىچە، „قەشقەر لوڭقىسى“ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 8 كۈچلۈك كوماندىسىنى تاللاش مۇسابىقىسى 4-5-دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن مۇسابىقىغا قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ناملىرى بېرىلگەن. بۇ كوماندىلارنىڭ خىتايچە ناملىرىنى كۆرگەن چېغىمدا، „ئەجىبا، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ۋە مەنىسى نېمە بولغىيتى؟“ دېگەن سۇئال تۇغۇلدى.
„گوئوگلې تەرجىمان“غا كىرىپ، بىرمۇبىر تەرجىمە قىلىپ كۆردۈم. تەرجىمە نەتىجىسى خاتا ياكى چالا ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت كوماندا ناملىرىنىڭ بېشىدىكى شەھەر-ناھىيە ئىسىملىرىنى پەرق ئەتكەندىن باشقا، كوماندىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئۇيغۇن ئەسلى نامىنى پەرق ئىتەلمىدىم.
.
قەشقەر كۇكولان كوماندىسى ___ 喀什库可兰队
تەييۈ يوۋخې پۇتبول كوماندىسى ___ 泰岳优合足球队
خوتەن شاھزادە چىش دوختۇرخانىسى پۇتبول كوماندىسى ___ 和田王子口腔足球队
مايگاتى داۋلاڭ دوڭچيۇگې پۇتبول كوماندىسى ___ 麦盖提刀郎懂球哥足球队
باچۇ خېڭچېڭ خۇياڭ پۇتبول كوماندىسى ___ 巴楚恒诚胡杨足球队
ئارتۇش ئەنقىلا پۇتبول كۇلۇبى ___ 阿图什安淇拉足球俱乐部
بايىنگولىن ئايىمان پۇتبول كوماندىسى ___ 巴州阿亿曼足球队
يىنىڭ ناھىيىسى سېنچا كوماندىسى ___ 伊宁县森茶队
ئۇرۇمچى رىم ئۆي پۇتبول كوماندىسى ___ 乌鲁木齐罗曼之家足球队
ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسى ___ 阿克苏金龙驾校足球队
.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل، يېزىقىنى ئىستىمالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندا ئەلمىساقتىن قوللىنىپ كەلگەن يەر-جاي ناملىرىنىمۇ ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنداق بىر ئېغىر بېسىم شارائىتى ئاستىدا، ئۇيغۇر پۇتپۇل كوماندىلىرىنىڭ خىتايچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
.
ئەمما ئەگەر بىزگە پات ئارىدا مۇستەملىكىچى كۈچلەردىن قۇتۇلۇش نەسىب ببولمىسا، جاھاننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەم خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسى مۇشۇنداقلا داۋام قىلسا، كىشىلەردە „بىر كۈنلەر كېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئىسىم قوللىنىشقا مەجبۇرلارمۇ؟“ دېگەن گۇمان ھەم ئەندىشىنى پەيدا قىلىشى تۇرغان گەپ.
.
مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش ھەقىقەتەنمۇ ئازاپلىق!
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments