• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

قەشقەردە ئوقۇغىدەك كىتاب، كىتاب ئوقىغىدەك ئادەم قالدىمۇ؟

قەشقەردە ئوقۇغىدەك كىتاب، كىتاب ئوقىغىدەك ئادەم قالدىمۇ؟

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن خىتايچە „مەدەنىيەت“ تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھرىدە 2-نۆۋەتلىك „پۈتۈن خەلق ئوقۇش“ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. „ئوقۇش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، زامانىۋىي مەدەنىيەتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش“ دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

4 كۈنلىك بۇ پائالىيەتتە، يازغۇچىلار بىلەن توختاملار ئىمزالانغان. ئىلغار كىتاب ئوقۇغۇچىلار ۋە تەشۋىقاتچىلار مۇكاپاتلانغان. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەدنىڭ „جۇڭخا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى تىكلەش“، يەنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر پائالىيەت خەۋىرىنى كۆرگەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا دەرھال „بۇ كىتاب ئوقۇش سەپەرۋەرلىكىمۇ ياكى داۋاملىشىۋاتقان مېڭە يۇيۇش سىياسىتىمۇ؟“ دېگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا „پۈتۈن خەلق ئوقۇش“قا لايىق كىتاب بارمۇ؟ ئەگەر بار دېيىلسە، بۇ پەقەت شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرى، يوليورۇقلىرى ۋە „جۇڭخاا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى تىكلەش“كە دائىر نەرسىلەردىن ئىبارەت بولىشى مۈمكىن. ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 2016-يىلى جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى باشلاشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى „3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش“ دولقۇنى قوزغاپ، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرمىلارغا بەنت قىلغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە، بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نوپۇزلۇق زىيالىلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي سىياسەتلىرىنى مەدھىيىلەپ ماقالىلار ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. „شىنجىئاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى“، „شىنجىئاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى“ قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئازات سۇلتان، ئارىسلان ئابدۇللاھ قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.

2016-يىلى جازا لاگىرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ۋە ئىلمىي زىيالىلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا لاگىرلارغا بەنت قىلىنىپ، بەزىلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولدى. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يازغۇچى، شائىرلاردىن بۇ زوراۋانلىقنىڭ تەمىنى تېتىمىغانلىرى قالمىدى. قەشقەردىكى يازغۇچى مىرزاھىت كېرىمى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاترلىقلار بۇنىڭ مىساللىرىدۇر.

بۇ جەرياندا قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىسلەر مۇسادىرە قىلىنىپ كۆيدۈرۈلدى. ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپى-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسى كىتابخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلكىدىن يىغىۋېلىنىپ كۆزدىن يوقىتىلدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئوقىغىدەك كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن باراۋەر ھالدا ۋەھشىلەرچە يولغا قويۇلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ داۋاملاشتى ھەم داۋاملاشماقتا.

1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە 10 يىل داۋاملاشقان ئاتالمىش „مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ مەزگىلىدە قانچە ئونمىڭلىغان زىيالىلار ئۆلتۈرۈلۈپ ۋە ئۇزۇن يىللىق تۈرمە جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۈنەۋۋەر ئىنسانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندە، بۇ پاجىئە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى. بەلكى، تارىختا مىسالىنى تاپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىر بولدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، „پۈتۈن خەلق ئوقۇش“ سەپەرۋەرلىكىنىڭ يولغا قويۇلىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

http://www.dangjian.cn/wmsj/2025/09/02/detail_202509027821971.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ