راستىنلا „شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك، رازىمەنلىك تۇيغۇسى 99% كە يەتتى“مۇ؟
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
„شىنجاڭ ھۆكۈمىتى“ دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بەرگەن „ھۆكۈمەت دوكلاتى“دىكى مەلۇماتلار ئارىسىدا „شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ 2025-يىللىق ئوتتۇرىچە كېرىمى تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈۋەندىن ئاشتى“ دېيىلگەن ھەمدە „شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك، رازىمەنلىك تۇيغۇسى 99% كە يەتتى“ دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان 20 مىڭ يۈۋەن (2900 $) خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن كېرىم ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر ئىشچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغىمۇ باراۋەر كەلمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق، „شىنجاڭدا خەلقنىڭ تۇرمۇشى باياشات!“، „شىنجاڭدا يۈكسەك تەرەققىياتلار بەرپا قىلىنماقتا!“ دەپ تەشۋىق قىلىدۇ ئۇلار.
„شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك رازىمەنلىك تۇيغۇسى 99% كە يەتتى“ دېگەن گەپكە، شەيتاندىن باشقىسىنىڭ ئىشىنىدىغانلىقىمۇ گۇمانلىق. خالىغاندا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، تەكشۈرىلىۋاتقان، نازارەت قىلىنىۋاتقان، بېسىم ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان خەلقلەردە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ھەمدە دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن ياشاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان، توغرىسى، مىللەت سۈپىتىدە جىنايەتكار سانىلىپ جازالىنىۋاتقان بىر مىللەتتە رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار يوق. شۇنداقتىمۇ، خىتاي ئەنە شۇنداق دەيدۇ. „قورقۇنۇش“ ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا „بىخەتەرلىك“نى، „نارازىلىق“نىڭ ئورنىغا „رازىمەنلىك“نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. ئىقلىمدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ كاززاپلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلىشتا، بەلكىم ھىچبىر مىللەت خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەس.
بېيجىڭدا چاقىرىلغان „ئىككى يىغىن“غا قاتناشقان 2756 ۋەكىل، خىتاي تىلىنى مۇتلەق رەۋىشتە ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىش قانۇنىغا ئاۋاز بەرگەندە، پەقەت سىمۋول خاراكتېردا 3 ۋەكىل قارشى ئاۋاز بەرگەن، 3 ۋەكىل ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.
شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت كەبى مۇستەملىكە ئاستىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئىستىمالدىن تامامەن قالدۇرۇشنى مەقسەد قىلغان بۇ قانۇن تەستىقلىنىشتىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش سىياسىتى ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ بولۇنغان ئىدى. بۈگۈن خەلقارا مەتبۇئاتلاردا گويا بىر يېڭى سىياسەتتەك تىلغا ئېلىنىۋاتقان „ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان تەھدىت، تاجاۋۇز“ لار، ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەن ۋە بۈگۈن رەسمىي سىياسەت شەكلىدە قانۇنلاشتۇرۇلغان زوراۋانلىقلار ئىدى.
بۇ زوراۋانلىقلارنىڭ قۇربانلىرىنىڭ „بىخەتەرلىك ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى 99% كە يەتتى“ دېسە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى سۈكۈت ئىچىدە بولسىمۇ كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بۇ دۇنيا، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئىشىنەر؟
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments