• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

باشقۇرۇش ھەيئىتى

 

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس

 مۇدىر 

 

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە مۇدىرى. ئۇ «تەھدىد: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» (ئىنگلىزچە) ۋە «قىزىل قىيامەت» (تۈركچە) ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 1968- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەندىكى دىنىي مەدرىسەلەردە ئىسلامىي ئىلىملەر بۇيىچە تەلىم ئالغان ۋە ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 1986- يىلى مىسىرغا بېرىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ قاھىرەدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن 1990- يىلى ياۋرۇپادىكى  تۇنجى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر قاتارىدا گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېنغا جايلاشقان ۋە شۇ يەردىكى «the Deutsche Angestellten-Akademie»دە ئىقتىساد-سانائەت كەسپىدە ئوقۇغان.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 1991- يىلى ياۋرۇپادا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى»نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى. ئۇ يەنە 1996- يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە 1999- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيەچىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئابلىكىم ئىدرىس 2004- يىلى مۇھاجىرەتتىكى باشقا بىر بۆلۈك پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلاتتا مالىيەچى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە باش مۇپەتتىش بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2009- يىلى گېرمانىيەدىن ئامېرىكىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2017- يىلى ئايالى روشەن ئابباس بىلەن بىرلىكتە پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى تەشكىلات «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نى قۇرغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيەدە ياشايدۇ.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئىچى-سېرتىدا ھەر تۈرلۈك يېغىلىشلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۆرەش قىلماقتا.ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2021- يىلى سىنتەبىردە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىغا مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، مەزكۇر سوت خىتاينى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلدى، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قارىتا تۇنۇشنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشكەن.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ئىنگلىزچە، نېمىسچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە بىلىدۇ.

 

ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن

پروگرامما باشقۇرغۇچىسى

 

ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى. ئۇ 2017-يىلى ئەنگىلىيەدىكى لىدز بەكېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. شۇنداقلا مالايسىيادىكى ئەلمەدىنە خەلقئ‍ارا ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام ئىلىملىرى فاكۇلتىتېدا ئوقۇغان. 2018-يىلىدىن بېرى، ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا تەتقىقات، تەرجىمانلىق، تەھرىرلىك ۋ ژۇرنالىستلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان ۋە كۆپلىگەن لاگېر شاھىتلىرىغا پىدائىي تەرجىمانلىق قىلغان.

ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن 2020-يىلىدىن بېرى كانادادىكى مەكگىل ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دىن تەتقىقاتلىرى فاكۇلتېتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ ۋە بۇ جەرياندا زىمىستان، ئوتتاۋا پۇقراسى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئىنگلىز ۋە ئەرەب تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىن ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان بىر پارچە كىتابى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا.

 

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا

پروگرامما مەسئۇلى

 

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى. ئۇ 2020- يىلى تۈركىيەنىڭ ئەرجىيەس ۋە سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى بۇيىچە ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.

مەمەتتوختى ئوقۇش جەريانىدا ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قوغداش  ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ مەقسەتتە ئۆز ئالدىغا ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا تەرجىمانلىق، ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش… قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق ۋە يەرلىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتلارنى يېزىشقا قاتناشقان.   

مەمەتتوختىنىڭ ھازىرغىچە بىرى ئىجادىي، بىرى تەرجىمە جەمئىي ئىككى پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، يەنە بىر پارچە تەرجىمە كىتابى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا. بۇلاردىن سېرت، ئۇ ھەر خىل تىللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ۋە ئاممىۋى ئۇسلۇبتىكى ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان. مەمەتتوختى نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ئانا تىلى ئۇيغۇرچىدىن باشقا، خىتايچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە بىلىدۇ.

 

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ