ساياھەتچىلەر جازا لاگىرلىرىنى كۆرەلمەيدۇ
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ب ب س (BBC) خىتاي مەنبەلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ ئېلان قىلغان ھەجمى زور بىر ماقالىسىدا 2024-يىلىدا 300 مىليون كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بىراق زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك رايوننىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلانغان بولسىمۇ، بۇ تۇپراقتىكى مەۋجۇد زۇلۇمنى كۆرەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. لېكىن نىمە ئۈچۈن كۆرەلمىگەنلىكىنى يىتەرلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلمىدى.
بۇ ماقالىغا كىرگۈزۈلگەن بىر سۈرەت دىققىتىمنى تارتتى. بۇ سۈرەت مەن ئۆسمۈر چاغلىرىمدا كۆرگەن قەدىمىي قەشقەر شەھرىدىكى قايسىدۇر بىر كوچىغا ئوخشايتى. خۇددى بۇ سۈرەتتە كۆرۈن´گىنىدەك، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەل ئادەتلىرىدىن بىرى، ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپلا ھويلا-ئاراملىرىنى، ئىشىك ئالدىدىكى ئۆزلىرىگە تەۋە كوچا يوللىرىنى سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىش ئىدى. پاكىزلىك تەبىئىتىگە چۇڭقۇر سىڭگەن بىر مىللەت ئىدى بۇ.
ب ب س نىڭ بۇ ماقالىسىنى قايتا كۆرىۋاتقىنىمدا، 2018-يىلى رۇسىيەلىك بىر مۇخبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان بىر سىن فىلىمى ئېسىمگە كەلدى. فىلىمدا قەشقەرنىڭ چوڭ يوللىرىدا ئاساسەن ئادەم يوقلىقى، تار كوچىلارغا كىرگىنىدە، ھەممىلا ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ سىرتتىن قۇلۇپلان´غانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. مۇخبىرنىڭ بۇنداق بىر ۋەھىمىلىك زاماندا بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ چىقالىشى ئەقىلگە سىغمايتى. ئەمما رىياللىق شۇنداق ئىدى.
بۇ قۇلۇپلانغان ئىشىكلەر ئېچىلدىمۇ-يوق؟ بۇ ئۆيلەر قانچە ئەزاسىدىن ئايرىلدى؟ قۇلۇپلانغان ھالەتتە تۇرىۋاتقان يەنە قانچىلىك ئۆيلەر بار؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ ھىچبىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ تار كوچىلارنى ئايلىنىپ تارتقان سۈرەت ياكى ۋىدەئولىرىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق.
مۇتلەق كۆپ قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ شەھەر مەركەزلىرىدىكى مەسچىتلەرنى، بازارلارنى، مۇزىيلارنى، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى، ناخشا-ئۇسۇللارغا تولغان مەيدانلارنى، „تەرەققىي قىلغان سانائەت رايونلىرى“نى ياكى مەخسۇس قۇرۇلغان „ئۇيغۇر كوچىلىرى“نى ساياھەت قىلغانلىقىغا دائىر ئەسەرلەر تورلارنى قاپلاپ تۇرۇپتۇ. يەنى بۇ 300 مىليون ساياھەتچىنىڭ ساياھەت قىلغان جايلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن ساختا سەھنىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىش پۇرسىتى يوق. ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا خىتاي. ب ب س بۇنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرى، بەزى مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ زور تەۋەككۇلچىلىك بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن جازا لاگىرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ خېلى دىققىتىنى تارتقان ئىدى. 2018-يىلى 8-ئايدىكى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنى ۋېلسون مەركىزىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە مەن جەنۋەدە ئىدىم. يىغىن باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، شىۋىتسارىيەدىكى مەلۇم بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي ياش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنى ئۆز تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستانغا مەخپىي ۋەزىپە بىلەن كىرگۈزگەن ئىكەن. ئۇ خىتاي ئۆزىنىڭ ئاۋال بېيجىڭغا، ئاندىن ئۈرۈمچىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە خوتەنگە قانداق بارغانلىقى، كومپىيۇتېرىغا قانداق مەخپىي سەھىپىلەرنى ئورناتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقى ۋە ئاخىرىدا قانداق مەلۇماتلارنى ئېلىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن كىملىكىمنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىر نۇسخىسىنى ماڭا بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. „باشلىقىمدىن سوراپ باقاي“ دەپ كەتتى ۋە بىردەمدىن كېيىن كېلىپ „قوشۇلمىدى“ دېدى. ئەمما ئۇنىڭ مەلۇماتلىرى بۇ يىغىندا ئەسقاتتى.
ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خادىملىرى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 49 نەپەر خىتاي ۋەكىللىرىنى گويا جىنايەتچىلەرنى سوراققا تارتقاندەك سوراق قىلدى. جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى ئاساسىي تېما ئىدى. خىتايلار جىنايەتلىرىنى ئىتىراپ قىلمىدى. نەتىجىدە، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ب د ت نىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالغان خىتاينى خېلىلا چۆچۈتكەن ئىدى. „جازا لاگىرى“ ئەمەس، بەلكى „تەربىيىلەش كۇرسى“ دېگەن گەپ شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنىڭ „ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرىشى مۈمكىن“لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي شەھەر مەركەزلىرىدىكى كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان جازا لاگىرلىرىنى تاقاپ، شەھەر سىرتلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئاياق بېسىشى چەكلەنگەن رايونلارغا يۆتكىگەن ياكى بەزى جازا لاگىرلىرىنى تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرىۋەتكەن.
گېرمانىيەنىڭ Z D F تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە بولغاندا، شەھەر ئىچىدە جازا لاگىرلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا بىنائەن، شەھەر سىرتىدىكى جازا لاگىرلىرىنى كۆرمەكچى بولغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغانلىقىنى ياكى „قۇرۇلۇش رايونى، كىرىشكە بولمايدۇ“ دەپ رەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ فىلىم ئىشلىگەن.
دېمەككى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەت قىلىدىغان ئورۇنلىرى ئېنىق بېكىتىلگەن. جازا لاگىرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرى كۆزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. ھەتتا ۋەتەن زىيارىتىدە بولىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشەلىشى ناتايىن بىر ۋەزىيەتتە.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments