سەنئەتنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان كىم؟
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىسى بولغان 90 ياشلىق دالاي لامانىڭ „ئويلىنىش: دالاي لاما ھەزرەتلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرى“ ناملىق ئاۋازلىق ئەسىرى ئامېرىكانىڭ „گراممي مۇكاپاتى“غا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 2-فېۋرال كۈنى „سەنئەت ئەسەرلىرىنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى“ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دالاي لاما بۇ مۇكاپات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: „مەن بۇ شەرەپنى مىننەتدارلىق ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن. مەن بۇنى شەخسىي شەرەپ دەپ قارىمايمەن، بۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئالغان ئورتاق قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشىدۇر“.
خىتاي مۇنداق دېگەن: „14-دالاي لاما نوقۇل بىر دىنىي ئەرباب ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىياسىي سەرگەردان، ئۇ دىنىي نىقاب ئاستىدا خىتاينى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. بىز سەنئەت مۇكاپاتلىرىنى خىتايغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قورال قىلىپ ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز“.
بۇ يەردىكى „سەنئەتنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىش“ پىكرى، خىيالىمىزغا دەرھاللا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممىلا يەردە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كەلتۈرىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش، دۇنيانىڭ كۆزىنى پەردىلەش ئۈچۈن، 2-3 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرىدۇرۇملاردا، پويىز ۋاگزاللىرىدا، ساياھەت نۇقتىلىرىدا، شەرھەر مەركەزلىرىدە …. ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇللارغا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. گويا ھىچبىر دەردى يوقتەك، ھەر كۈنى توختىماستىن ئۇسۇل ئويناۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. خىتاينىڭ ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى مۇشۇ ئۇسۇلدا نىقاپلاشقا ئۇرۇنۇشتەك بىمەنىلىككە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمىز. مانا بۇ ئەسلىدە „سەنئەتنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىش“نىڭ تىپىك مىر مىسالى ئىدى.
„ئوغرىنىڭ <ئوغرىنى تۇتۇڭلار!> دەپ ۋارقىرىشى“ دېگەن تەمسىلنى خىتاي ئىجاد قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ياراشقان بىر ئادەت ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ تەمسىلنى ياتلارغا ئىشلىتىشتىن ھىچقاچان ۋاز كەچمىدى. ئۆزى ئوغرى تۇرۇپ، باشقىلارنى „ئوغرى!“ دەپ ئەيىپلەيدۇ. قاتىللىقنى ئۆزى سادىر قىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى „قانخور!“ دەپ تىللايدۇ. چېكىدىن ئاشقان دۆلەت تېررورىزىمى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپ، بىگۇناھ پۇخرالارغا „تېررورىست“لىق قالپىقىنى كەيدۈرۈپ قويىدۇ. ئۆزى دۆلەت ئىچىدە بىرخىل، دۆلەت سىرتىدا بىرخىل چىراي كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى „ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلدى“ ياكى „قوش ئۆلچەم قوللاندى“ دەپ شىكايەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ قولىدىن كەلگەنلىكى ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ھەر نەرسىنى سىياسىي كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىدىغان خاراكتېرىنى ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇ.
بۇ دۇنيا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى چامى يەتكەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئاخىرقى يىللاردا ئۇنىڭدىن سىياسىي قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. „ئوغرىنىڭ <ئوغرىنى تۇتۇڭلار!> دەپ ۋارقىرىشى“غا ئانچە ئىرەن قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بىر ھېساب-كىتابى بولغىنىدەك، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى سورىقى بولىدۇ.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments