تۇرپاندىكى يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ خىتايچە تەبىرى
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان „شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىدى“، „شىنجاڭ 2000 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن“ دېگەن سەپسەتىسىنى ئارخېئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلدى. خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ ساھەگە ئۇياتسىزلارچە قوشقان تۆھپىلىرىمۇ زور. ئەمما ھىچقاچان ئىلىم دۇنياسىنى قايىل قىلالىغۇدەك بىر پاكىت ئويدۇرۇپ چىقالىغىنى يوق.
1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، „شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى“دا ئوقىۋاتقان مەزگىللىرىمىزدە، خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ شەرمەندىچىلىكلىرىدىن ۋاقىپ بولغان بەزى „ئۇزۇن قۇلاق“ زىيالىلىرىمىزنىڭ: <<بۇ خەقتە زىيالىيغا خاس بىر سالاھىيەت، سۈپەت، ۋىجدان يوق. ئۇلار خىتاي يېزىقلىرى پۈتۈلگەن تارشىلارنى، ساپال بويۇملارنى، تاش ئويمىلارنى تەكلىماكان ۋادىلىرىدىكى نەلەرگىدۇر قەستەن كۆمۈپ قويۇپ، ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندە ئاتالمىش “يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش“لارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى داۋراڭ قىلىدۇ. بىرقانچە ئۇيغۇرلارنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇ يەردە قېزىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن „بۇ خىتايچە يېزىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىدۇر!“ دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلايدۇ….>> دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا، بۇ خەقنىڭ زىيالىلىرىغا قارىتامۇ نەپرىتىم يۈكسەلگەن ئىدى.
تۇرپاندا „بادامدۆڭ“ (巴达木东) دەيدىغان بىر يەرنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلمەيمەن. خىتايچە مەنبەلەر 5-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، 2025-يىلى تۇرپان شەھرىدىكى 巴达木东 قەبرىستانلىقىدىن يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا ئېرىشكەنلىكى، بۇلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش تارىخىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىشىچە، „بادامدۆڭ قەۋرىستانلىقى“ تۇرپاندىكى „قۇچۇ قەدىمىي شەھرى“نىڭ 5 km غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ قەۋرىستانلىقنى 2022-2025-يىلى ئارىلىقىدا <<خىتاي ئارخېئولوگىيەسى — بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت سىستېمىسى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىش“ دەيدىغان پروگراممىغا مەسئۇل بىر گورۇپپا خىتايلار قېزىپ چىققان. بۇ قەۋرىستانلىقتىن 16 پادىشاھلىق دەۋرىگە ئائىت بولغان 18 يۈرۈش قەۋرىستانلىق، تاڭ دەۋرىگە ئائىت بولغان 9 يۈرۈش قەۋرىستانلىق ۋە 600 دىن ئارتۇق تارىخىي مىراسلار قېزىۋېلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان ۋە ئارشاڭ ناھىيىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان 6 تۈرگە ئائىت مەدەنىي مىراسلار خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا „خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە مۇنبىرى“ نامىدا 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن ئىتىبارەن كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ كۆرگەزمىدە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، تاشقا ئويۇلغان „ئۇچار ئات“نىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشى بىلەن، ئۇنىڭ رەڭ بېرىلگەن كۆرۈنۈشى نامايەن قىلىنغان، ھەتتا بۇ كۆرۈنۈش كارتون فىلىمى شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، تورلادا تارقىتىلغان.
بۇ قېزىلمىلارنى „خىتايلار ئىجاد قىلغان“ دېيەلمىگەن بولسىمۇ، „ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن شىنجاڭ ھەر جەھەتتىن قويۇق ئالاقىدا بولۇپ كەلگەن، شىنجاڭنى بىز ئىدارە قىلاتتۇق“ دەيدىغان خىتايچە مەنانى ئىپادىلەشكە تېرىشقان.
بۇ دۇنيادا „كۈچ كىمدە بولسا، ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن“ بولىدىغان زامانلار بۇرۇنمۇ بولغانكەن، ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ بولغىدەك. ئەمما ھىچكىمنىڭ ھەققى ھىچكىمدە قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانغا ھامان بىر كۈنى ئېرىشىدۇ!
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments