• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇلار ھايات ئىكەن

ئۇلار ھايات ئىكەن
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن باراۋەر ھالدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىمۇ ۋەھشىي بىر رەۋىشتە يولغا قويغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىنسانىيەتسىز قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەممە نەرسىنى كۆزدىن يوقاتقانلىقى چۈشەنچىسى بىلەن قەلبىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىر جاراھەتلەرگە تولغان ئىدى.
.
بۈگۈن فاسىبوك (Facebock) تىن بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ، كۆزۈم „كوزانلار ئائىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 14 كۈنلىك زىيارىتى“ فىلىمىگە ئىلنىشىپ قالدى. فىلىمنىڭ بېشىدىلا خىتاي ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشلىرىغا ئۇچرىغانلىقى مۇقەددىمە قىلىنغان بولغاچقا، قىزىقىپ كۆرۈشكە باشلىدىم. چۈنكى، چەت ئەللىكلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىسا، خىتاينىڭ پىسەندىلىكى ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق دۇنياغا تارايتى.
.
ئۈرۈمچى زىيارىتى تەسۋىرلەنگەن „1-بۆلۈم“نى ئارىلاپ بىرقۇر كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، تۇرپان زىيارىتى تەسۋىرلەنگەن „2-بۆلۈم“نى ئىزدىدىم. ئۇنىمۇ بىرقۇر ئارىلاپ كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، قەشقەر زىيارىتى بايان قىلىنغان „3-بۆلۈم“ ۋە يەركەن زىيارىتى ئەسكىس ئەتكەن „4-بۆلۈم“نى ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ چىقتىم. ھەر قىسىمغا ھەرخىل نام بېرىلگەن بولغاچ، ھەممە قىسمىنى بىراقلا ئىزدەپ تېپىش ماڭا بىراز تەسكە توختىدى.
.
1-بۆلۈمدە ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار ھەم تاقىۋېتىلگەن بەزى مەسچىتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. 2-بۆلۈمدە تۇرپاندىكى تاقىۋېتىلگەن مەسچىتلەر ۋە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان „ئىمىن ۋاڭ مۇنارى“ كۆرسىتىلگەن ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە „بۇ مۇنار بەلكىم ئاللىقاچان چېقىۋېتىلگەن بولىشى مۈمكىن، چۈنكى ئۇنىڭدا خىتاي مەدەنىيىتىگە ياندىشىدىغان ئىزنا يوق“ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.
.
3-بۆلۈم، يەنى قەشقەر زىيارىتى قىسمىدىكى كۆرۈنۈشلەر كۈچلۈك دىققىتىمنى تارتتى. تېشىدىن قۇلۇپلانغان تالايلىغان مەسچىتلەر، بىرلا ۋاقىتتا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان، زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت سانىلىدىغان ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ساياھەتگاھقا ئايلىنىپ قالغان غېرىپ ھالىتى، تار كوچىلاردىكى ئىشىكلىرى قۇلۇپلانغان ئائىلە قورالىرى، تىجارەت دۇكانلىرى … بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا نورمال تۇيۇلدى. چۈنكى بۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانلىرىغا بوغۇلغان بىر شەھەر ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ھالسىرىغان قىياپىتى ئىدى. نورمال بولمىغىنى، مەن ئاللىقاچان مەۋجۇدلىقىنى يوقاتتى، دەپ ئويلاپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھاياتلىقى ئىدى.
.
گېرمانىيە پۇقراسى بولغان كوزان بۇ ساياھەتكە ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرگە چىققان. 2025-يىلى 10-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ساياھەت جەريانىدا، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىدىكى ھەربىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلار „ئاپپاق خوجا مازىرى“نى زىيارەت قىلغاندا ھەيران بولدۇم. خىتايلار بۇ مازارغا چېقىلمىغان ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىنى كېڭەيتىپ، باغچىلار ياساپ، بۇ جاينى بىر ساياھەتگاھقا ئايلاندۇرغان ئىدى. گەرچە ئاپپاق خوجا تارىخىمىزدىكى سەلبىي شەخس بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەقبەرىسى، گۈمبەزلىرىدىكى نەقىشلەر ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ گۈزەل ئۈلگىلىرىدىن بىرى سانىلاتتى. تەسەۋۋۇرۇمچە بولغاندا، خىتايلار بۇنداق قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە ئىمارەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىغا يول قويمايتى. „بەلكىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بۇرنىدىن چىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ساقلاپ قالغاندۇ“ دەپ ئويلىدىم.
.
تېخىمۇ كۈچلۈك دىققىتىمنى تارتقىنى، مەھمۇت قەشقەرىي مەقبەرىسى بولدى. بۇ مەقبەرە تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. كوزانلار ئائىلىسى ئۇ يەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئەتراپتا ئۇلاردىن باشقا ھىچكىم يوق ئىدى. تۇپراق قاقاسچىلىق، توپا-چاڭ، يوللار بۇزۇلغان، مەنزىرە ۋەيرانە ھالدا ئىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇ يەرگە ئىنسان ئايىغى تەگمىگەندەك كۆرۈنەتتى. گەرچە مەقبەرە بىناسى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، كوزانلار ئائىلىسى ئىھتىيات قىلىپ ئۇ يەرگە يېقىنلاشمايدۇ. ئىچىدىكى مەھمۇت قەشقەرىينىڭ نەقىشلەر بىلەن ياسالغان تەقرىبەن قەبرىسىنىڭ بار-يوقلىقى سۇئال ئىشارىتى بولۇپ قالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، مەقبەرە بىناسىنىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان مەھمۇت قەشقىرىينىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن ئىدى.
.
مېنى خېلىلا ھاياجانلاندۇرغىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى بولدى. بۇ مەقبەرە 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلۇش باشلاپ 1-2 يىلدىن كېيىن مەبلەغ يوق، خېلى ئۇزۇن مەزگىل توختاپ قالغان. كېيىن قايتىدىن قۇرۇلۇش باشلاپ، گۈزەل بىر شەكىلدە پۈتتۈرۈلگەن ئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل مىللىي ئۇسلۇپتا قۇرۇپ چىقىلغان ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى ئىدى. كوزانلار ئائىلىسى سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى ئەينى سىياقىدا، ئەينى ھەيۋىتى بىلەن ياشىماقتا ئىدى.
.
ئەقلىمگە سىغمىغان يەنە بىر كۆرۈنۈشنى يەركەن زىيارىتىدىن كۆردۈم. كوزانلار ئائىلىسى يەركەندە ۋەيران بولغان مەسچىتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن بىرگە، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سارىيىنى، ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسىنى سىنغا ئالىدۇ. دېمەككى، سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سارىيى، ئاماننىساخان مەقبەرىسىمۇ ياشىماقتا ئىدى.
.
ئىنساپسىز، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى سانسىزلىغان مىللىي قۇرۇلۇشلىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، بۇ گۈزەل مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قالغان ئىكەن.
.
شۇنداق، ئۇلار ياشاۋېتىپتۇ. بىز ھەم ياشىماقتىمىز. بىزگە نېسىب بولمىسا، ئەۋلادلىرىمىزغا نېسىب بولىدىغان ئۇ كۈنلەر كەلگەنگە قەدەر ياشىغاي!

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ