• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ۋەھشىيلىكنىڭ يېڭى پەللىسى — ئۇيغۇرلارنى ئاچ قۇيۇش ۋە تىرىك كۆيدۈرۈش

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2022- يىلى 12- ئاينىڭ 01- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى يۈرىكىمىزنى لەختە قىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى سادىر قىلغان، ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يۇقاتقان، ئىسلام دىنىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا جەڭ ئېلان قىلغان كوممۇنىست خىتاي رېجىمى ئەمدى يەنە بىر قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزدى. ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قاماپ، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان خىتاي رېجىمى ئۈرۈمچىدە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي رېجىمى كىشىلەرنىڭ ئ‍ۆيلىرىنى سېرتتىن قولۇپلاپ، ھەتتا ئوت كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ قېچىشىغا يول قويماي، 40 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ تىرىك كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.

ئۇ ت م مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشتىن ساقلاپ قېلىشى زۆرۈر. خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز يۇرتىدا قاماپ، قەستەن ئاچ قويۇپ، كىسەل قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى.»

بېيجىڭ رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ناتسىستلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك قىممەت قارىشى بولغان ئىسلامىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنى خورلاپ ۋە قىيناپ كەلدى. بىراق، زىيانكەشلىك پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، مىڭلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى، قۇرئان كۆيدۈرۈلدى، ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە بالىلىرىغا ئىسلامنى ئۆگەتكەنلەر تۈرمىگە تاشلاندى. خىتاي دائىرىلىرى «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، مەسچىتلەر «كارانتىن مەركىزى» سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى.  بىر قىسىم مەسچىتلەر ئىلگىرى قاۋاقخانا، چوشقا قۇتىنى ۋە رېستورانلارغا ئۆزگەرتىلگەنىدى. مەسچىتلەردىن ئۆزگەرتىلگەن ئاتالمىش كارانتىن مەركەزلىرىدە قالغانلارغا ۋاقتىدا كېرەكلىك دورا تەمىنلەنمىدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قەستەن ئۆلۈمگە تاشلاپ بېرىلدى. يېقىنقى كۈنلەردە، زىيانكەشلىكنىڭ يېڭى بىر شەكلى پەيدا بولدى. ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى Covid-19 باھانىسى بىلەن كىشىلەرنى دۇكانلارغا بېرىپ يىمەك-ئىچمەك سېتېۋېلىشتىن چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ۋەھشىي قامال سەۋەبىدىن بىنالاردىن ئۆزىنى ئېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆلۈۋېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. پەقەت Covid-19 بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارلا تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن كارانتىنا مەركەزلىرىدە داۋالاندى. ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدە ئىشىكلىرى سېرتتىن تاقىۋېتىلگەن، جىددىي ئەھۋالدا چىقىش ئېغىزلىرى قولۇپلانغان 21 قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كەتتى. شۇنداق قىلىپ، كوممۇنىست خىتاي رېجىمى نەچچە ئون ئۇيغۇرنى تىرىك كۆيدۈرۈش جىنايىتىنى سادىر قىلدى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس شۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: «بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئەھلىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا نەقەدەر ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان رەھبەرلىرى قاچان خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوغدايدۇ؟».

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ