• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى

 

ئاخبارات باياناتى

2022- يىلى 2- ئاۋغۇست

Contact@uyghurstudy.org

 

2022- يىلى 07- ئاينىڭ 31- كۈنى  لوندون، مانچېستېر، ئېدىنبۇرگ، ۋاشىنگتون، تورونتو، سىدنىي، مېلبورن، برىسبان، ئوكلەند، يۇھاننىسبۇرگ ۋە ئىستانبۇل … قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى  شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ناملىق خەلقئارالىق نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلاردىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 29- چىسلا جۈمە كۈنى خەلقئارا خۇتبە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى نۇرغۇنىغان مەسچىتلەردە جامائەتلەرگە مەخسۇس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى يەتكۈزۈلدى. خەلقئارا خۇتبە كۈنىنىڭ ئالدىدا كانادا ئىماملار كېڭىشى بىلەن ئاۋېستېرالىيە مەملىكەتلىك ئىماملار كېڭىشى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىماملار ۋە مەسچىتلەرنى خۇتبە كۈنىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى. يالغۇز كانادادىلا خەلقئارا خۇتبە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقان مەسچىتلەرنىڭ سانى 50 دىن كۆپ بولۇپ، بۇلار ئوتتاۋا ۋە تورونتولاردىكى چوڭ مەسچىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشلار ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمان قوللىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. كۆپلىگەن مۇسۇلمان يىتەكچىلەر، ئىماملار، مۇسۇلمان تەشكلاتلىرىنىڭ، شۇنداقلا ياشلارۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ نامايىشلارغا قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

خىتاي رېجىمى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «بىزنى مۇسۇلمانلار تاشلىۋەتتى» دەپ ئويلاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىمقى نامايىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمى يولغا قۇيۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نامايىشلاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاش، مەسچىتلەرنى قايتىدىن ئېچىش، تۇغۇت چەكلەشنى توختىتىش، مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان بالىلارنى ئاتا-ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش… قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى.

نامايىشچىلار: «تاكى سىلەر بىزنىڭ بۇ ئەقەللىي تەلەپلىرىمىزگە قۇلاق سالمىغۇچە، بىزنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىمىز ئۇلغىيىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ، بايقۇتلىرمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئاۋازىمىز تېخىمۇ ياڭرايدۇ، بىز سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە رەسۋا قىلىمىز» دەپ توۋلىدى. تورونتودىكى بىر مۇسۇلمان ياش مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەتلا بىر كۈنلۈك تەلەپ ئەمەس، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىمىز».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس شۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سۇلىغاندا، <سىلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھەتتا خۇدامۇ بىلمەيدۇ، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلمەيدۇ> دېگەنىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» نامايىشلىرى خىتاي دائىرىلىرىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. مەن بۇ روھنىڭ پات يېقىندا پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىگە يامرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىزنىڭ دەردىمىزنى بىلىشىنى، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەر كۈنى دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دەر ەقىقەت، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى ۋە خىتايغا ئەمدى مۇسۇلمانلارنى ئ‍الدىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ داۋاملىق كۈچىيىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىگە قارشى مۇستەھكەم ئىسلامىي قارشىلىققا  ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ