• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇرلار ياپونىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قوللايدۇ

ئۇيغۇرلار ياپونىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قوللايدۇ

.
ئەرتېكىن ئوغۇز

.

ئۇيغۇرلار يوپونىيەنى ئىككى جەھەتتىن ياخشى كۆرۈشى مۈمكىن، بۇنىڭ بىرى؛ تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ ئەدەبىنى بېرىپ كەلگەن دۆلەت بولغانلىقى، ئىككىنچىسى؛ 80-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە قوللاپ كەلگەنلىكى.

ب ب س نىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە ساياھەت رايونى بولغان گۈزەل خوككايدۇ ئارىلى دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر جايغا ئايلىنىدىكەن.

80-يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە قوللىماسلىقى سەۋەبىدىن، مىكرو چىپ ئىشلەپچىقىرىش رىقابىتىدە ياپونىيە تەيۋەن ۋە جەنۇبىي كورىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.

ياپونىيە دۆلىتى 2020-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەدىكى مىكرو چىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاش ئۈچۈن 600 مىليارد دوللار پۇل ئاجرىتىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە كۈچلۈك بولغان شىركەتلىرى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا باشلىغان. ھازىر خوككايدۇدا قۇرۇلۇش باشلىغان شىركەتلەر 2027-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا مىكرو چىپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىكەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھەربىي جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن ياپونىيە، ئەمدى يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈش قەدىمىنى باسىدىكەن. بۇ مىكرو چىپلار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ساھەسىدىلا ئەمەس، مۇھىمى ھەربىي ساھەگىمۇ بىر ھاياتىي كۈچ قوشىدىكەن.

ياپونىيەنىڭ كۈچلىنىشى، مۇقەررەر ھالدا خىتاي ئۈچۈن زور تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. بەلكىم ياپونىيە 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىسىدىكى جاۋۇ ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك خىتايغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرەلەيدىغان بىر ياپونىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۈمكىن.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ