• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ۋاشىڭگتوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ياقلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن  مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئ‍امېرىكا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيتوف… قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت توغرىسىدا يىغىن قاتناشچىلىرىغا دوكلات بەردى. يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ جانلىق ئۆرنىكى سۈپىتىدە، روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىدى.

بۇنىڭدىن سېرت، مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىم ماكگاۋېرن، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقلىرىدىن توم سۇزى ۋە  كرىستوفېر سمىس… قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۇلار يەنە مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، ھەر ساھەدىن كەلگەن سىياسىيونلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ