• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

خايىرۇل ئانۋار: «ئەگەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقمىساق، ئاللانىڭ ئالدىدا جاۋابىنى بېرەلمەيمىز»

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرى 21-ئاپرېل كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان مالايسىيالىقلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك مالايسىيادىكى پائالىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان، مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىم ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ، پائالىيەتلەر مالايسىيا جامائىتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ مالايسىيانىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش، مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ پىلانلىرىمىزنى تۈزدۇق. بىزنىڭ يەنە بىر قىلغان ئىشىمىز شۇكى، بىز خىتاينىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تەلەپ خېتى سۇندۇق. بىز بۇ خېتىمىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداق بولسىمۇ بىز خىتاينىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، دىنىي جامائەتلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، كۆز بوياش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ خىتايغا بارماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مالايسىيادىكى پائالىيىتىمىز 13-ئاپرېلدا قەداخ شەھىرىدىكى سۇلتان ئابدۇلخالىم مۇئازام شاھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى بىلەن باشلانغانىدى. يىغىندا مەن، مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن ھەزرەتئالى ھوشۇر ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردۇق. ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئاڭلاپ ئاكتىپ سوئاللارنى سورىدى، قىزىقىش ناھايىتى يۇقىرى ئىدى».

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىتىن كۆرۈڭ:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-musapir-04242023163756.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ