خىتاي — بەرىبىر خىتايلىقىنى قىلامدۇ؟ خىتاي زىيالىسى ئەي ۋېيۋېينىڭ غەربنى يامانلىشى
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاينىڭ 2000-2015-يىللار ئارىسىدا تونۇلغان ئەي ۋېيۋېي (艾未未)ئىسىملىك داڭلىق بىر سەنئەتكارى بار. ئۇ 2010-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەقىپلىشى، پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى، „باج يوشۇرغان“ دېگەن جىنايەت بىلەن بىرقانچە ئاي سولاپ قويۇشىدىن كېيىن، 2015-يىلى بېيجىڭنى تەرك ئېتىپ، گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن.
گېرمانىيە سەنئەتكارلىرى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سورۇنلار ھازىرلاپ بەرگەن. بىراق ئۇ گېرمانىيەدىن ھوزۇرسىزلىق ھېس قىلىپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە ئائىلىسى بىلەن ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. لېكىن ئەي ۋېيۋېينىڭ ئەنگىلىيەدىمۇ ئاستى ئىسسىماي، ئاخىرى پورتۇگالىيەگە بېرىپ ماكانلاشقان.
1981-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە نېيۇ-يوركتا ئوقىغان ۋە ياشىغان ئەي ۋېيۋىي، ئەسلىدە خىتاي بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر لېرك شائىر سانالغان ئەي چىڭ (艾青) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەي چىڭ 1959-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىغا (مانجۇرىيەگە) سۈرگۈن قىلىنىپ „ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن“ بىر كىشى ئىدى. ئۇمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى دېموكراتىك تۈزۈلمىنى كۆرگەن – فرانسىيەدە ئوقىغان بىرسى.
مەن بۇ تېما ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئەي ۋېيۋېي ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئەي چىڭ ھەققىدە بىراز ئىزدىنىپ كۆرۈپ، ئاندىن بۇ قىسقا يازمامنى باشلىدىم. مېنىڭ بۇ تېما ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمغا سەۋەب بولغان ئامىل، ئەي ۋېيۋېينىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، 93 ياشلىق ئانىسىنى يوقلاش جەريانىدا „بېرلىن گېزىتى“، „ۋال شىترېئىت ژورنىلى“ قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى بولدى.
ئۇنىڭ غەرب دۇنياسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئوقىغان چېغىمدا، دەسلەپتىلا كاللامدا شەكىللەنگەن ئوي „خىتاي بەرىبىر خىتايلىقىنى قىلىدىكەن“ دېگەندىن ئىبارەت بولدى ۋە شۇ ھامان ئېسىمگە ۋېي جىڭشېڭ كەلدى. ئۆزىنى دېموكراتچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاتاپ كەلگەن بۇ شەخسمۇ ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىل ياشىغان بىرسى ئىدى.
گەپنىڭ نېگىزى بۇ:
دېكتاتور خىتايدىن قېچىپ، غەربتىن پاناھلىق ئىزدىگەن، 20 يىلدىن بۇيان غەربنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ كەلگەن ئەي ۋېيۋىي ئاخباراتنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈنكى خىتاينىڭ غەربتىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىيەگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، „دېموكراتىك جەمىيەتنىڭ ياخشى ئۆرنىكى يوق“لىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گېرمانىيەدىكى ئوڭچىل مىللەتچى پارتىيەنىڭ رەھبىرىنى „خىتايلار ئېسىدە ساقلايدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان بىردىن بىر كىشى“، „خىتاي ھەرگىزمۇ كېڭىيىشنى قوغلىشىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە مىللىي غۇرۇرىنى قوغداش جەھەتتە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدۇ“ دەيدۇ. ئۇ يەنە، گېرمانىيەدە كىشىلەر ئۆزىنى „چۈشەپ قويغاندەك ۋە خاتىرجەمسىز“ ھېس قىلىدۇ، „10 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە مېنى ھىچكىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ باقمىدى“، „گېرمانىيەدىكى بىيۇرۇكراتىيەگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاي 10 ھەسسە ياخشى“ دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ.
خىتاي زىيالىسى ئەي ۋېيۋېينىڭ خىتايپەرەستلىك، مىللەتچىلىك، كوممۇنىستىك پارتىيەگە، خىتاي دۆلىتىگە قارىتا خوشامەتچىلىك بىلەن تولغان سەسكىنەرلىك سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېزىش ماڭا تەس تۇيۇلىۋاتىدۇ.
ھېس-تۇيغۇم شۇكى، ئەي ۋېيۋېينىڭ دادىسى ئەي چىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن باستۇرۇش جىنايەتلىرىگە شاھىد بولغان بىرى تۇرۇغلۇق، 1996-يىلى ئۆلگەنگە قەدەر بۇ تۇپراقتىكى زۇلۇملار توغرۇلۇق زۇۋان سۈرگەن بىرى ئەمەستى.
زامانىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان، بۇ يەردە نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىغىنچىلىقنى ياخشى بىلىدىغان ئەي ۋېيۋېيمۇ ئەسلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەيدىغان بىرى بولغىنىغا، 20 يىلدىن بۇيان دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقىنىغا قارىماي، زالىمنىڭ زۇلۇمى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارى ھەققىدە بىر كەلىمە سۆز قىلىپ باقمىدى.
ئۆز ۋاقتىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئاكتىپ قوللىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارە تىلغا ئالغان ئامېرىكادىكى خىتاي زىيالىسى ۋېي جىڭشېڭمۇ ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورىزىم بىلەن قارىلاشقا ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، بۇ ۋەتەننىڭ ئاھالىسى، تاش-تۇپراقلىرىغا قەدەر ياخشى بىلىدىغان خىتاي زىيالىلىرىنىڭ 2016-يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىشتىن ئىلگىرى، „ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىۋېتىش“ تەشەببۇسلىرىدا بولۇپ دوكلاتلار ئېلان قىلغانلىقىنى بىلىمىز.
ئەجىبا، خىتاي نەدىلا بولسا، بەرىبىر خىتايلىقىنى قىلامدۇ؟
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments