• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

خىتاي ئىچىگە ئەكىرىپ كاللا قايدۇرۇشتىن، تېشىغا چىقىپ سەپسەتە سېتىشقا ئۆتمەكتە

خىتاي ئىچىگە ئەكىرىپ كاللا قايدۇرۇشتىن، تېشىغا چىقىپ سەپسەتە سېتىشقا ئۆتمەكت.

ئەرتېكىن ئوغۇز

.

خىتاينىڭ ئاخىرقى 10 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ياكى ئۇنى قانۇنلۇق كۆرسىتىش يولىدىكى تېرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى، چەت ئەلدىن ساياھەتچى جەلپ قىلىپ، يالغان سەھنىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇش بولۇپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى چەت ئەلگە مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، „مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش“ نىقابى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئاللىقلىرىنى بۇرمىلاشتىن ئىبارەت يەنە بىر ھىلە يولىغا مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىغانلىقى ھەم مەلۇم بولماقتا.

.

خىتاينىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 7-دېكابىردىكى <<خىتاي شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى فرانسىيە، نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلدى>> ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، دېكابىرنىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئاتالمىش „شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى“ فرانسىيە ۋە نورۋېگىيەدە „مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش“ پائالىيەتلىرىدە بولغان. ئاساسلىق تېما: „شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات“نى تونۇشتۇرۇش.

.

بۇ تېمىلار تەركىبىدىكى دىققەتكە سازاۋەر ئىككى نۇقتىنىڭ بىرى، جېجياڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چىگرا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋېي چاۋنىڭ „شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى تونۇشتۇرىشى“ بولسا، ئىككىنچىسى، ئىلى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى لى خۇئانىڭ „شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كاپالىتىگە دائىر نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرىشى“ بولغان.

.

خىتاي نىمە زۆرۈرىيەتتىن بۇنداق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ؟

ئەلۋەتتە، بۇنىڭ جاۋابى ئېغىر ۋە چۇققۇر تارىخىي، رېئالنىي پاجىئەلەرگە تاقىلىدۇ. بۇ ئايرىم توختىلىشقا تېگىشلىك بىر ساھە.

.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بىرىنچى تېمىغا خىتاينىڭ چىگرا ئاتلاپ، يات مىللەتلەرنىڭ زىيالىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇز بىلەن بېسىۋالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش نىيەتلىرى يوشۇرۇنغان بولسا، ئىككىنچى تېمىغا، شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىش نىيەتلىرى يوشۇرۇنغان.

.

خۇددى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى دۇنيانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆزدىن قاچۇرۇش بارغانسىرى قېيىنلىشىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقاندەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاجاۋۇز بىلەن بېسىۋېلىنغان بىر تۇپراق ئىكەنلىكى مەسىلىسىمۇ ئۇزۇنغا قالماي دۇنيانىڭ كۈنتەرتىبىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى „شەرقىي تۈركىستان كوزۇرى“نىڭ قىممىتىنى بارغانسىرى چۇڭقۇر ھېس قىلماقتا.

 

 

https://cn.چىنادائىلي.كوم.cn/a/202512/07/WS6934d386a310942cc4995533.html

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ