• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورىنى “قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش”قا داۋاملىق كۈچىمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورىنى “قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش”قا داۋاملىق كۈچىمەكتە

ئەرتېكىن ئوغۇز

خىتاي مەركىزى ئاخبارات تورىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، <<شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى>> شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، “شىنجاڭ”دىكى <<ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى>>نى تاللاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن 13 كوللېكتىپ ۋە 44 شەخس دۆلەت ھەم ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك شەرەپ مۇكاپاتىغا، 1100 كوللېكتىپ ۋە 6513 شەخس ماختاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە <<2025-يىلى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، “خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش” ئاساسىي ۋەزىپىسىگە دىققەت قىلىپ، كۆپ جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى>> دېيىلگەن ھەمدە ئۇلار <<تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى>>دەپ ماختالغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ جاللاتلار قوشۇنى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قان تۆكۈش ۋە جان ئېلىش بىلەن بىۋاستە مەشغۇل بولغان قاتىللار توپلۇمى ئىكەنلىكىنى ھەركىم بىلىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بىر پۇرسەتلەر نېسىب بولسا، دەل مۇشۇ جاللاتلار قوشۇنىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالىدۇ.

بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغان تېما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت تېررورى سىياسىتى بولغان <<تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش>>ئىدۇر.

خەلقارالىق بېسىملارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى رەئىسى شۆھرەت زاكىر 2019-يىللىرى “ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈردى” دەپ، دۇنياغا جازا لاگىرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكچى بولغان زامانلاردا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى “تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش” نامىدىكى باستۇرۇشلىرىنىڭ ھىچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق ئىدى ۋە ئۇنى نورمال كۆرسىتىشمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. خەلقارا جەمىيەتنىڭ “بۇنچىۋالا ئېغىر باستۇرۇشلارنى نېمىگە ياكى قايسى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يولغا قويىۋاتىسىلەر؟” دېگەن سۇئاللىرىغا، خىتاينىڭ جاۋاب بەرگۈدەك دەسمىسىمۇ يوق ئىدى. خىتاي ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، كېسىدىغاننى كېسىپ، تېرك يوقىتىدىغانلارنى كۆزدىن غايىپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۈرلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ باستۇرۇشلارنى قانۇنىي ئاساسلارغا تاياندۇرۇشقا باشلىدى ۋە دۇنياغا ئۇنى نورمال كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ 2020-يىللاردىن كېيىن دۇنياغا “شىنجاڭدا 2017-يىلىدىن بۇيان بىرمۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى” دەپ جاكارلىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر شۇنداق بولسا، خىتاينىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل ھالدا تەكىتلەۋاتقان <<تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش>>قا يەنە نېمە ئىھتىياجى بار؟

بۇ يەردە خىتاينىڭ مۇقىملىقنى غايە، تېررولۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. خىتاينىڭ سۈيئىستىمال قىلىۋالغان “تېررورلۇق”تىن ئۆزلىرى خالىغان تەبىرلەرگە باغلاپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە، جەنۇبىي موڭگۇلىيەدە، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچىدە ھەممىنى ئۆز ئىرادىسىگە بوي سۇندۇرۇش مەقسىدىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، دۇنيا ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ قارا نىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي قۇربانى بولغانلار بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار. ئەمما ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، بۈگۈن خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرى، تەھدىتلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. خىتايدىن قانچە مىڭ كلومېتر ئۇزاقلىقتىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپامۇ خىتاينىڭ بېسىملىرىغا، تەھدىتلىرىگە يولۇقۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشماقتا. خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنى چارىسىزلىك ئىچىدە داۋاملاشتۇرىۋاتقان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر ئاقىۋەتلەرنى سەزگەنلىكىنى ئىپادىلەشمەكتە.

بۈگۈنكى دۇنيادا، تۈنىگۈنكىگە ئوخشىمايدىغان زور ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىقىنى ھەركىم پەرەز قىلماقتا. بۇ پەرەزلەرنىڭ تەركىۋىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلىچەكتىكى مۇستەقىللىقىغا دائىر ئېلىمېنتلارنى يوققا چىقىرىش تەس.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ