• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

خىتايدا ئىسلام ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 05- ئاينىڭ 29- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2023- يىلى 05- ئاينىڭ 27- كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ توڭخەي ناھىيىسىدىكى ناجىيايىڭ مەسچىتىنى مەجبۇرىي يىقماقچى بولغاندا، ساقچىلار بىلەن يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى نەق مەيدانغا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن زور ساندا ئەسكەر ئەۋەتكەن. توقۇنۇشتا بىر قىسىم قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولىشىچە، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان بۇ قەدىمى مەسچىت 2020- يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋالغان» دېگەن باھانە بىلەن چېقىش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ «دوستى» قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بار كۈچى بىلەن يولغا قويۇۋاتىدۇ. يۈننەننىڭ توڭخەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتاي رېجىمىنىڭ پۈتۈن مىقياسىدا ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە خىتايغا ئوخشاش مەسچىتلەرنى قارا-قۇيۇق يېقىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنى مىليونلاپ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سۇلاۋاتقان بىر دۆلەت يوق.

خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى رەسمىي دۆلەت سىياسىتى شەكلىنى ئالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2014- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئەڭ رادىكال شەكلى سۈپىتىدە  كۆرسىتىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2014- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا «قايتا تەربىيەلەش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسىدە مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سۇلىدى ۋە مىڭلىغان مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىسلام دىنىنى «يۇقۇملۇق كىسەل»گە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «يۇقۇملانغۇچىلار»غا ئوخشىتىپ، بۇنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ دىننى يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاھالەنكى، خىتايدىكى ئىسلاموفوبىيەنىڭ غەربتىكى ئىسلاموفوبىيەچىلىك دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتمايۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ئادەتتە، بىرەر غەرب دۆلىتىدە قۇرئان كۆيدۈرۈشكە ئوخشاش بىرەر ئىسلاموفوبىك ھادىسە يۈز بەرگەندە، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى قوزغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئوخشاش، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر ھادىسە خىتايدا يۈز بەرسە، ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلەتتىن سادا چىقمايدۇ. ئىسلاموفوبىيەگە قارىتىلغان بۇ خىل قوش ئۆلچەم تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى ئېتىبارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئىسلاموفوبىيەنى پەقەت غەرب جەمئىيىتىگىلا خاس بىر ھادىسە دەپ قارايدۇ ۋە ئىسلاموفوبىيە توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ئەسلا خىتاي كەلمەيدۇ. ھالبۇكى، خىتاي بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسلاموفوبىك بىر دۆلەتتۇر. خىتايدىكى ئىسلاموفوبىيەنىڭ دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئىسلاموفوبىيە بىلەن بولغان نىگىزلىك پەرقى شۇكى، ئىسلاموفوبىيە خىتايدا ھەم جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىسىگە؛ ھەم دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. خىتاي بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسلاموفوبىك دۆلەت بولۇشىغا قارىماي ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماي كەلدى. غەربتىكى ئىسلاموفوبىك ھەرىكەتلەرگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىسلام ئەللىرى خىتايغا كەلگەندە سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ئاشكارە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللاشنى تاللىدى. نۆۋەتتە، خىتايدا ئىسلام ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭغا قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك.»

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاي رېجىمىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشىغا، مەسچىتلەرنى چېقىپ، دىنىي ئورۇنلارنى چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىنى خىتايدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلامغا ۋە مەدەنىيەتكە قارشى قىلمىشلارنى تۇسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. خىتاي دائىرلىرى ئىسلام دۈشمەنلىكىدىن ۋاز كېچىشى ۋە بۇ خىل ياۋايى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ