خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپىئەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەر
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاي بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر دىنىي دەپسەندىچىلىكلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ دىنىي ئىتىقادىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچى سۈپىتىدىكى ئىككى يۈزلىمىچى سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
ئىران، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەبۇزەبى، ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە زامانىۋىي نېفت ئايرىش زاۋۇتلىرى، زامانىۋىي شەھەرلەر، زامانىۋىي پورتلار، زامانىۋىي يوللار، زامانىۋىي تور ئالاقە سىستېمىلىرىنى قۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ھۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ھەم پارس قولتۇقىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا خىتايچىلىك ئىتىباردا بولغان باشقا بىر دۆلەتنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
فرانسىيە „دۇنيا گېزىتى“نىڭ 17-مارتتىكى ماقالىسىدا بايان قىلىشىچە، ئىران ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپىئەتلىرىنى تەھلىكىگە ئىتتەرگەن. 28-فېۋرال ئىران ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئىراندىكى 3000 دىن ئارتۇق خىتاينى جىددىي رەۋىشتە يۆتكەپ چىقىپ كەتكەن. ئىراننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتقان قاتار، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتايلارمۇ دەرھال قاچقان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى 370 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە 15 مىڭ خىتاي شىركىتى ئېغىر پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالغان. خىتاي بايلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملار ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا.
ئوتتۇرا شەرق، خىتاينىڭ „بىر بەلۋاغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ خام نېفت ۋە تەبىئىي گاز خېرىدارى. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى (گەرچە خىتايغا ئوچۇق بولسىمۇ) خىتاينى قاتتىق چۆچۈتكەن. خىتاينى چۆچۈتكەن مۇھىم ئامىل، يىللاردىن بۇيان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە سالغان زور مىقداردىكى مەبلىغى بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چوڭ تىپتىكى ئارامكو نېفت ئايرىش ۋە نېفت خېمىيە مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ئىراقتىكى تۇببا نېفت ئايرىش زاۋۇتى، قاتاردىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتپول مەيدانى ۋە سۈيۈقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، ئەبۇزەبىدىكى چوڭ تىپتىكى كونتېينىر پورتى …. قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.
خىتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندەك ئۇقەدەر ئارامبەخىش بايلىق مەنبەسى ئەمەسلىكىنى، ۋاقتى – سائىتى كەلسە، سالغان پۈتۈن مەبلەغلىرىنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىنلىكىنى بىردىنلا چۈشىنىشكە باشلىغان. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىمۇ، بېشىغا كۈن كەلگەندە خىتاينىڭ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان بىر مەنپىئەتپەرەس كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە ھورمۇز بوغۇزى خىتاي ئۈچۈن ئوچۇق بولسىمۇ ھەمدە خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى يەنە يېرىم يىلغا بەرداشلىق بېرەلىسىمۇ، خىتايدىكى بەزى شىركەتلەر (جېجىئاڭ، فۇجىيەن نېفت ئايرىش شىركەتلىرى) ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشقا، بەزى مەشغۇلاتلىرىنى توختىتىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە گېگانتى سانالغان „sinopec“ نېفت ئايرىش مىقدارىنى 10% تۆۋەنلەتكەن. خىتاي دۆلىتىدىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ باياشات ھاياتنىڭ چۈشۈنى كۆرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، بۇ تۇيۇقسىز قارا بېسىشلاردىن قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى كۆرۈشكە باشلىغان.
قايسىلا نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنمىسۇن، خىتاي بۇ ئۇرۇشتىن (بەزىلەر ئېيىتقاندەك) پايدا ئالغۇچى ئەمەس، ئەڭ زور زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ چىقىدىكەن. ھىچ زىيان تارتمىغان تەقدىردىمۇ، ئوتتۇرا شەرق ھامان بىر كۈنى خىتاينىڭ „بىر بەلۋاغ، بىر يول“ قۇرۇلىشىنىڭ دەۋزىخىگە ئايلىنىدىكەن.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments