خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىدىكى „نۇقتىلىق ئازسانلىقلار“ كىملەر؟
ئەرتېكىن ئوغۇز
ئۈرۈمچىدە 9-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن <<شىنجاڭ پارتكومى سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنى“دا سۆز قىلغان چېن شياۋ جياڭ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى „جۇڭخۋا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش“، „3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش“، „مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش“، „ئەبەدىي مۇقىملىق ئۈچۈن بارلىق كۈچنى سەپەرۋەر قىلىش“، „تېررورلۇققا قارشى كۆرەشنى قانۇنلاشتۇرۇش“ دېگەندەك مۇشتۇمزور سىياسىتىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغاندا، „نۇقتىلىق ئازسانلىقلارغا دىققەت قىلىش“ دەيدىغان بىر كەلىمىنى تەكىتلىگەن.
„نۇقتىلىق ئازسانلىقلار“ كىم؟
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ جاللاتلارنىڭ بىرى سانالغان ماۋ زېدوڭ 1966-يىلى باشلىغان „مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى“ 1976-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، خىتاي رەئىسى دىڭ شياۋپىڭ „خاتا دىلو، ناھەق دىلولارنى بىرتەرەپ قىلىش“ سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن، 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بىگۇناھ قامالغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلگەن. ھايات قالغان بىرقىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىمۇ شۇ قاتاردا ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 80-يىللاردىن باشلانغان ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچى كۈچىگە ئايلانغان ئىدى.
شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشلىغىنىغا 10 يىل بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن ئالامەت يوق. ھالا بۈگۈنمۇ „3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش“، „مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش“، „ئەبەدىي مۇقىملىق ئۈچۈن بارلىق كۈچنى سەپەرۋەر قىلىش“نى تەشەببۇس قىلىشماقتا.
شى جىنپىڭ „تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك“ قالپىقى بىلەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلغان، بەزىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان. ھەتتا ئۆزلىرىگە ئۇزۇن يىللار ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئاكتىپلارنىمۇ „ئىككى يۈزلىمىچىلىك“ بىلەن تازىلاپ تۈگەتكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئاتالمىش „تېررورىستلار، ئەسەبىي دىنىي ئۇنسۇرلار ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر“نىڭ قالمىغانلىقىنى، 2020-يىلىدىن بۇيان ھىچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ھالدا، „تېنىچ، تەرەققىي قىلغان، باياشات شىنجاڭ“دا قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ، داۋاملىق نازارەت قىلىنىۋاتقان „نۇقتىلىق ئازسانلىقلار“ كىم بولىشى مۈمكىن؟
دىققىتىمىزگە، قەلەم ۋە سەنئەت ساھەسىدىن تۇتۇلۇپ، جازا لاگىرلىرىدا „قايتا تەربىيىلەش“نى باشتىن كۆچۈرگەندىن كېيىن „ئوقۇش پۈتتۈرگەن“ ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار كېلىدۇ. ئەگەر بۇ قىياس توغرا سانالسا، ئۈستى ئوچۇق دەۋزەخكە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى „ئەركىنلىككە ئېرىشكەن“ سانى ئىنتايىن چەكلىك بولغان بۇ قەلەم ۋە سەنئەت ساھىپلىرى خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان „نۇقتىلىق ئازسانلىقلار“ بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى باشقىلاردىن بەكرەك نازارەت ئاستىدا تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا جىددىي بىر داۋالغۇش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ. دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلا ئەمەس، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى غەليانلارمۇ ئەۋىج ئېلىۋاتىدۇ. ھەم دۇنيا تېنىچلىقىنىڭ، ھەم دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇد سىستېمىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارە. نوقۇل سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي ساھەدىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي مۇھىتتىمۇ ئېغىر بۇزۇلۇشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆز خەلقىنى ئەركىن نەپەستىن مەھرۇم قالدۇرىۋاتقان، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. ئاتا سۆزلىرىمىزدە „بۇزۇلمىغۇچە، تۈزەلمەس!“ دەيدىغان ھىكمەتلىك ئىبارىلەر بار. دۇنيادىكى بۇ بۇزۇلۇشلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۈيۈك بىر „تۈزۈلۈش“كە ئىمكانلار نەسىب ئەتسە ئەجەپ ئەمەس!
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments