خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“لىرى قايسىلار؟
ئەرتېكىن ئوغۇز
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا 2026-يىلىدىن بۇيان تارقىلىۋاتقان مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىگە دائىر خەۋەرلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“لىرىغا ئۇيغۇنلىشىش پىكىرلىرى كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. كۆپىنچە كىشىلەرگە ئوخشاش، بۇ ئاتالمىش „ئورۇنلاشتۇرۇش“نىڭ نېمىلىكىنى، قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلمەيتىم. بۈگۈن بۇ ھەقتە بىراز ئىزدىنىپ، „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“ ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئېرىشتىم ھەمدە بۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇد سىياسەتلەرگە يېقىندىن دىققەتتە بولىۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.
شى جىنپىڭ 2025-يىلى 24-سىنتەبىر „شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى“غا ئائىت دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“ يوليورۇقىنى بەرگەن ھەمدە ھەممە ئىشتا بۇ يوليورۇقنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساسىي نىشان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن، „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“ شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ساھە دىققەتكە ئېلىشى كېرەك بولغان يېڭى سىياسىتىگە ئايلانغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلىچىكىنى بەلگىلەيدىغان ۋە تىپىك مۇستەملىكىچىلىك، تالان-تاراج، زۇلۇم سىياسىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ 5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن:
1. ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن قانىلى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش كۆۋرۈكىنىڭ باش قەلئەسى (亚欧黄金通道和向西开放的桥头堡).
2. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسى (构建新发展格局的战略支点).
3. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى (全国能源资源战略保障基地).
4. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم تەمىنلەش بازىسى (全国优质农牧产品重要供给基地).
5. دۆلەتنىڭ گىئوسىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك توسىقى (维护国家地缘安全的战略屏障).
مەزكۇر „5 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش“، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق بىر رايونغا ئايلاندۇرۇشنى ۋە نىمە مەقسەدكە يەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى رۆشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ شۇم غەرەزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقىنى شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىرادىسى بەلگىلەيدۇ. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىدا ھامان ھەرخىل شىرىن چۈشلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments