يېڭى “ئىسمايىل مەمەت”لەر خىتاي ئۈچۈن نەلەردە قۇربانلىق قىلىنار؟
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 17-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، 16-مارتتىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەربىي گازارمىلىرىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايان قىلىشتى. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئۈرۈمچى گارنېزون قوماندانلىق مەركىزى ئۇلارغا مۇلازىمەتتە بولغان. يېڭى ئەسكەرلەر پويىز ۋە ئايرۇپىلانلاردا مەخسۇس بۆلمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يولغا سېلىنغان.
بۇ خەۋەرلەردە، ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ قانچە نەپىرى ئۇيغۇر؟ قەيەردىكى ھەربىي گازارمىلاردا تەربىيەلىنىدۇ؟ قايسى چىگرا رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؟ … دېگەندەك سۇ’ئاللارغا جاۋاب بولىدىغان ھىچقانداق ئۇچۇر يوق. پەقەتلا ئۇلارنىڭ داغدۇغا بىلەن، ۋەتەننى قوغداش ئىرادىسى بىلەن، شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپكە قېتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يولغا چىققان بۇ ئەسكەرلەر “باھار بايرىمىدىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر” دېيىلگەن. بۇ يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ “قاتتىق سىياسىي باھالاشلاردىن ئۆتكەن” ئىشەنچىلىك ياشلار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇلاردىن مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستاندىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ يەنە ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، تۆرتىنچى تۈركۈملىرى باردەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە سادىق ئا’ئىلىلەردىن تاللانغان بولىشى مۈمكىندەك ھەمدە بۇ قېتىم ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئەسكەر قوبۇل قىلىنغاندەك.
نېمىلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپى’ئەتى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، خىتاينىڭ ئالدىنقى سېپىدا تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمگە ئىتتىرىلىدىغان قۇربانلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما جاسارەتلىك، ئۆلۈمدىن قورۇقماسلىق روھىغا ئىگە ئىنسانلار. چۈنكى ئۇيغۇرلاردۇر. قېنىدىكى ئېلىمېنتلار ئۆزگىچە يارىتىلغان جانلىقلار. كەلگۈسىدىكى يېڭى “ئىسمايىل مەمەت”لەر.
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962-يىلى يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئۇيغۇر ئەسكەرلەر سېلىنغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا “ئىسمايىل مەمەت” ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ئۆلگەن. 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، “ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىسمايىل مەمەتتىن ئۆگىنىش” تەشۋىقاتى داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇ زامانلاردا تېخى كىچىك بولغاچقا، “ۋەتەننى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان” بۇ شەخسنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرگەن بىرسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتۇق.
ئۇشبۇ ئاندا، ئېسىمگە „ئابدۇسالام“ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەسكەر كەلدى. خىتايلار ئۇنى “سالامۇ” دەپلا ئاتايدىكەن. ئۇ بىز تۇرىۋاتقان مەھبۇسلار لاگىرىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ھەربىي قىسىمدىكى يۈزگە يېقىن خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدىكى 3 ئۇيغۇر ئەسكەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇستىخانلىق، كېلىشكەن يىگىت ئىدى. بەلكىم بۇ 1983-يىللىرىدۇر….
بىر كۈنى تۈرمىنىڭ بېغىدا ئىشلەۋاتسام، باغنىڭ ئىشىكىدىن بىرسىنىڭ ئۇيغۇرچە چاقىرغان ئاۋازى كەلدى. ئەسكەرىي كېيىمدىكى بىرسى ئىدى. ياش-قورامدا مەندىن 2-3 ياش چوڭدەك قىلاتتى. مەن بۇ لاگىردىكى ئەڭ كىچىك “بالا جىنايەتچى” ياكى “كىچىك ئەكسىل ئىنقىلاپچى” ئىدىم. شۇ مەزگىل ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك. قولغا ئېلىنغاندا 17 ياشتا ئىدىم.
_ سەن بىلەن بىردەم مۇڭدۇشۇپ كېلەي دېدىم،- دېدى سالام كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
ئادەتتە بۇ چوڭ مېۋىلىك باغقا، مەس´ئۇل ساقچىدىن باشقا تۇرما خادىملىرىنىڭ كىرىشى چەكلىنەتتى. ماڭا بېرىلگەن بۇيرۇق: „مەمەتتىن باشقا، ھىچقانداق ساقچىغا ئىشىك ئاچمايسەن، ئەكسى تەقدىردە جازالىنىسەن!“ ئىدى. مەمەت دېگەن ئالىغاي ئادەم بۇ چوڭ باغقا مەسۇل ساقچى ئىدى. باغنىڭ كۆزەتچىلىكىنى قىلىش بولسا مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى.
بىراز ئىككىلەڭەندىن كېيىن ئىشىكنى ئاچتىم. بۇ كۈنى ئۇزۇنلۇقى 400م، كەڭلىكى 200م كېلىدىغان بۇ مېۋىلىك باغدا ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم. ئۇنى باغقا قارايدىغان ساتمىغا باشلاپ كېلىپ، سۇپىغا تەكلىپ قىلدىم. سالام مېنىڭ سىياسىي ھاياتىم ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ چاغلاردا تۈرمىنىڭ ئۇيغۇر ساقچىلىرىمۇ، ئەسكەرلىرىمۇ مىللىيەتچى ئىدى. ئۇيغۇر مىللىيەتچىلىكى قايتىدىن تېرىلگەن زامانلار ئىدى.
پاراڭلار ئارىلىقىدا، ئابدۇسالام ماڭا ئەسكەرلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ روتادىكى 3 ئۇيغۇر ئەسكەرنىڭ بىرى، ئالىم ئىسىملىك جۇغى كىچىك، ئاجىزراق كەلگەن، يۇۋاش بىر بالا ئىكەن. ئۇنى خىتاي ئەسكەرلەر پات-پات بوزەك قىلىدىكەن. بىر كۈنى، ئۇ تۇرما دەرۋازىسىدىكى پوستتىن يېنىپ ياتىقىغا كىرسە، ئالىم يىغلاپ ئولتۇرغىدەك. “نىمە بولدى؟” دەپ سوراپتۇ. “بىر توپ ئەسكەرلەر بىرلىشىپ ئۇردى” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم. ئابدۇسالامنىڭ غەزەپلىرى قايناپتۇ. بۇنىڭ ئۆچىنى ئېلىشنى ئويلاپتۇ. بىراق، بۇ بىر توپ خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئۆزى يالغۇز تەڭ تۇرالمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، كۆڭلىگە بىر پىلاننى پۈكۈپتۇ.
شۇ كۈنى ئەسكەرلەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن، گازارمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيدانغا تىزىلىپ، سان بېرىشكە ھازىرلىنىپتۇ. دەل شۇ ئەسنادا ئابدۇسالام قورالىنى كۆتۈرگەنچە ئەسكەرلەر توپىنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپتۇ. خىتايلار بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشپتۇ. ئادەتتە، ئەسكەرلەر ساناق بېرىشكە قورالسىز ھالەتتە چىقىدىكەن. ئابدۇسالام تىزىلىپ تۇرغان ئەسكەرلەرگە قاراپ: “بۇندىن كېيىن، كىمدە كىم ئالىمنى تاك قىلىپ چېكىدىكەن، ئۇنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىرىمەن!” دەپ ۋارقىراپتۇ،- دە، ئاسمانغا قارىتىپ بىر دېسكا ئوقنى بېسىۋېتىپتۇ. خىتاي ئەسكەرلەرنىڭ پاچاقلىرىدا جان قالماپتۇ.
ئابدۇسالام بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بۇ ئەسكەرىي قىسىمنىڭ قوماندانى ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تېرىشىپ: “يولداش سالامۇ، قورالنى دەرھال ئەكىرىۋېتىپ، سەپكە تىزىلىڭ! بۇ مەسىلىنى بىز ھەل قىلىمىز!” دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ. ئابدۇسالام قورالنى ئەكىرىۋېتىپ چىقىپ، سەپكە تىزىلىپتۇ.
ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۇنى جازا سۈپىتىدە بىر ھەپتە ئەسكەرى كامىرغا قاماپ قويۇپتۇ ۋە تۆۋەنامە يازدۇرۇپ، بۇ ئىشنى بېسىقتۇرىۋېتىپتۇ. ئەمما شۇندىن كېيىن، ھىچبىر خىتاي ئەسكىرى بۇ قىسىمدىكى ئۇيغۇرلارغا تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
شۇ زامانلاردا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىر ئەسكەرى قىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا 1-3 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياكى قازاق ۋەياكى قىرغىز ئەسكەرلەر بولاتتىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ تامىقى ئايرىم ئىكەن. چوشقا گۆشىدىن يىراق تۇرىدىكەن. خىتايلار ئۇلارغا ئىتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىكەن. بۇنى ئابدۇسالاممۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بىراق ھازىر ئەسكەرلىككە ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ “ھالىغا ۋاي!” دېمەي ئىلاج يوق. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ چارىسىز ئەزالىرى …
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments