زالىملىق ۋە ساختىكارلىق بىلەن تىك تۇرىۋاتقان ھاكىمىيەت
.
ﺋﻪﺭﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺯ
.
خىتاي گەرچە 2019-يىلىدىن باشلانغان ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلالمىغان، سانسىزلىغان زاۋۇتلىرى تاقالغان، ئۆي-مۈللۈك سودىسى ۋەيران بولغان، ئىشسىزلىق يۇقۇرى چەككە يەتكەن بىر دۆلەت بولسىمۇ، دۇنياغا ئۆزىنى تەۋرەنمەس بىر كۈچ سۈپىتىدە كۆرسىتىش، ئامېرىكا بىلەن روبىرو تېركىشىش جاسارىتىنى ھىلىھەم نامايەن قىلماقتا. خىتايدىكى ھەر تۆت ياشنىڭ بىرى ئىشسىز، شەھەر نوپۇسىنىڭ 20% ئى، يېزا نوپۇسىنىڭ 50% ئىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومى يوق ھالەتتە بولسىمۇ ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى 11 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كۈچلۈك ئىچكىي كىرىزىس خەۋپى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا كۈچلۈك دۆلەت ئوبرازىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
.
خىتاي بۇ قۇۋۋەتنى نەدىن ئېلىۋاتىدۇ؟
.
يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خادىمى ئەنگىن ئەرئوغلۇ بېيجىڭ زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان كېلىچەك رىقابەتكە ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، خىتاي دۇنيا تەرتىبىنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىر ئىشەنچكە كېلىپ بولغان.
.
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە قويۇپ كەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان، خىتايغا قارىتا كۆپ قېتىم ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن بۇ كىشىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنياۋىي كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى تېخىمۇ چۇققۇر ھېس قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئالدىدا بوينى پۈكۈك بىچارىگە ئايلىنىپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بىرەر پايدىسى بولامدۇ-يوق، بۇنىسى نامەلۇم.
.
مۇتىخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شۇنچە زور ئىچكىي ئىختىلاپ، كىرىزىس، ئىقتىسادىي بۆھرانلارغا دۇچ كەلگەن خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئىككى كۈچنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەيدىسىنى كېرىپ تۇرالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئامىل – زالىملىقدۇر.
.
خىتاي دۇنيادىكى 4-چوڭ ئىقتزىسادىي شېرىكى بولغان ياپونىيەگە، باش مىنىستىر تاكاچىينىڭ „ئەگەر تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ياپونىيە قوراللىق ئىنكاس قايتۇرىشى مۈمكىن“ دېگەن بىر ئېغىز سۆزى سەۋەبلىك تۈرلىك ئىمبارگو ۋە چەكلىمە سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈپ، قانچە مىليارد دوللارنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىۋەتكەن. خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ گېپىگە كىرمىگەن ياكى ئۆزى بىلەن تىركەشكەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ﺳﯧﺮﻩﻙ توپا ھەم زۆرۈر خام ئەشيا چەكلىمىسى قويۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ، ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچراتقان. خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەربىر دۆلەت بىلەن ئايرىم ئىقتىسادىي كېلىشىملىرى بولۇپ، بۇ كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشنىڭ ئىقتىسادىي بىر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈكىن.
.
خەلقارالىق تېركىشىشلەردە، توقۇنۇشلاردا خىتاينىڭ ھەرقانداق بەدەللەر تۆلەشكە قارىماي ئۈستىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، „غەلىبە قىلغان دۆلەت بولۇش“ ئىرادىسى ئۈستىن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى، تۇرمۇشىنى، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىش ئانچىكىم بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. خەلقنىڭ دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دۆلەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ھاكىمىيەتكە، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە شەرتسىز، مۇتلەق بويسۇنۇشتىن باشقا تاللىشى بولمايدىكەن. خۇددى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترۇمپ ئۆزىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر پرىزدېنتلاردىن بىرى قىياس ئەتكىنىدەك، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ ئۆزىنى خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى كۆرسىتىش ئىستىكىمۇ ئۇقەدەر يۈكسەك ئىكەن.
.
ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي كېڭەيمىچىلىكىگە توسالغۇ دەپ قارىغان ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى ۋە جازا لاگىرلىرىنى بەرپا قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشى، خىتاينىڭ زالىملىق بىلەن بۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ بىر ئۆرنىكى بولسا كېرەك.
.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زالىملىققا تايىنىپ ئۆزىنى مۇستەھكەملىشى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، ئۆز خەلقىنى دۇنيانىڭ كېلىچەكتىكى خوجايىن مىللىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ساختا تەشۋىقاتى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدۇر. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ يالغانغا ئىشەنمەكتىن باشقا چارىسىمۇ يوق. نۆۋەتتە خىتايدا باش كۆتۈرىۋاتقان „جۇڭخۇئا مىللىتى غۇرۇرى“نىڭ ھاكىمىيەتنىڭ قورالى بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئۇلار چۈشىنىشنىمۇ خالىمىسا كېرەك. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ „ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ“ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﻻﭖ ﭘﯘﻝ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments