• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندونېزىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2025-يىلى 8- ماي

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندونېزىيە ياشلىرى بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق سەپەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي باستۇرۇشىغا قارىتا ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ تونۇشىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ھىندونېزىيە پارلامېنت ئەزالىرى، دىنىي رەھبەرلەر ، ئاكادېمىكلار، ياشلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇچرىشىش ۋە تونۇش ئۆستۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

جاكارتا: ياشلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ۋە پارلامېنتنى زىيارەت قىلىش

28-ئاپرېل كۈنى ھەيئەت ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا ياشلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ھىندونېزىيەنىڭ ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي باستۇرۇشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. يىغىنغا قاتناشقان ھىندونېزىيەلىك ياشلار ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

30-ئاپرېل كۈنى، ھەيئەت ھىندونېزىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى ھىندونېزىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن دوكتور جەزۇلى جۇۋەينى ۋە ھەبىب ئىدرىس قاتارلىقلار  كۈتۈۋالدى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ۋە مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاشقا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى. يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشى، دىنىي باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىق تېمىلاردا سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

ھەر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

يوگياكارتا: ئۇيغۇر كرىزىسى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن دىئالوگ

2-ماي كۈنى، ھەيئەت يوگياكارتانى زىيارەت قىلىپ، مۇھەممەدىيە ئۇنۋېرسىتىتى، يوگياكارتا ئۆلكىلىك ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولۇپ 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار دىئالوگى ئۆتكۈزدى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئۇيغۇر كرىزىسى، خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ياشلارنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاقتا ئوينايدىغان رولى ھەققىدە تېمىلار ئاساس بولدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سوئاللارنى سورىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېدان: ئۇيغۇر كرىزىسى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى

5-ماي كۈنى، شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىنىڭ مېدان شەھىرىدىكى ئەل-ۋاسىلىيە مۇسۇلمانلار ئۇنۋېرسىتىتىدا «ئىسلام دۈشمەنلىكى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلىرى: ئۇيغۇر كرىزىسى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئەل-ۋاسىلىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى، پروفېسسورلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن ھىندونېزىيە دۆلەت شېئىرى، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئا بىلەن باشلاندى. ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى دوكتور ھاجى مۇھەممەد جەمىل ئېچىلىش نۇتۇقىدا مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە چاقىردى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا زۇلۇم تارتىۋاتقان خەلقلەرگە ھېسداشلىق قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ ھېسداشلىق قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇلھەكىن ئىدرىس سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ۋە خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ۋە دىنى كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى. پروفېسسور ھەسەن ئەسارى ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئىدىيىۋى يىلتىزلىرى ۋە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش مېخانىزىمى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى بايان قىلدى. دوكتور پۇربا ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە دوكلات بەردى.

مۇھاكىمە يىغىنى ئەل-ۋاسىلىيە تەشكىلاتنىڭ رەئىسى دوكتور مەشھۇرۇل خەمىسنىڭ يېپىلىش نۇتۇقى بىلەن ئاياغلاشتى.

جاكارتا: دىنىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈش

6-ماي كۈنى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس جاكارتادىكى ئىستىقلال مەسچىتىدە،  ھىندونېزىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىستىقلال مەسچىتىنىڭ باش ئىمامى نەسرۇددىن ئۆمەر بىلەن كۆرۈشتى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئىمام نەسرۇددىن ئۆمەرنىڭ دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2022-يىلدىن بۇيان ھىندونېزىيەدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مەركىزىمىز ھىندونېزىيە تىلىدا «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق بىر كىتابچە، خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرىسىدىكى بىر دوكلات، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بىر كىتابچە ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قاراتقان ياتاقلىق مەكتەپلىرى توغرىسىدىكى بىر دوكلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ