• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

تەتقىقاتچىلىرىمىز

ئىلشات ھەسەن

تەتقىقات يىتەكچىسى

 

ئىلشات ھەسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غولجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى مەسلىھەتچىسى. ئىلشات ھەسەن 1988- يىلى دالىيەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېمىيە ئېنژىنىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تا 2003- يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئىلشات ھەسەننىڭ ئۇقۇتچىلىق ھاياتى 2003- يىلى سىياسىي زىيانكەشلىك سەۋەبىدىن ئۇشتۇمتۇت ئاخىرلاشقان. ئۇ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى تاشلاپ، 10 ياشلىق بالىسى بىلەن مالايسىياغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە 2004- يىلى كۇئالالامپۇردىكى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئىشخانسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. مالايسىيادا 3 يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىلشات ھەسەن 2006- يىلىدا مۇساپىر سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئىلشات ھەسەن 2007- يىلى نىيۇيوركتىن ۋېرجىنىياغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق كۆرىشىدىكى ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە نۇپۇزلۇق كىشىگە ئايلانغان. ئۇ خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان بولۇپ، خىتاي تورداشلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا مەشھۇر.

ئىلشات ھەسەن بىر پائالىيەتچى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئاتالمىش «قوش تىل» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە شاھىت بولغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى دىنىي باستۇرۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.

 

ئابدۇجېلىل تۇران

تەتقىقاتچى

 

ئابدۇجېلىل تۇران 1959- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1980- يىلىغىچە خوتەندە ھەم پەنني مەكتەپلەردە، ھەم دىنىي مەدرەسەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ 1985- يىلى مىسىرغا بېرىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئابدۇجېلىل تۇران ئەزھەردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە جايلاشقان. ئۇ 1995- يىلىدىن بۇيان نەشىرياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىي 150 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب نەشىر قىلغان.

ئابدۇجېلىل تۇران 1996- يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار يىتەكچىسى ۋە مۇپەتتىشى بولغان. 2006- يىلى ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ۋە نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن ۋە 2009- يىلى قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان. ئۇ ھازىر تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باش مۇدىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى.

 

ئابدۇللا ئوغۇز

 تەتقىقاتچى

 

ئابدۇللا ئۇغۇز 1973- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە ئ‍ىنقىلابىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1980- يىلى ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئوقۇشىنى تۈركىيەدە تاماملىغان. ئابدۇللا ئۇغۇز شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى. ئۇ ھازىرغىچە 3 پارچە كىتاب ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي كۇممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشىپ كەلگەن. ئابدۇللا ئۇغۇز نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بىر خۇسۇسىي شىركەتتە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

 

ئابدۇلھەپىز تۇرانىي

تەتقىقاتچى

 

ئابدۇھەپىز تۇرانى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان تاشقى سىياسىتى مۇتەخەسسىسى. ئۇ مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە مەدەنىيەت كەسپىدە ئوقۇغان. ئابدۇلھەپىز تۇرانى ھازىر بىر دىنىي ئۆلىما سۈپىتىدە فىنلاندىيەدىكى بىر ئاممىۋى مەركەزدە ئىسلامىي ئىلىملەردىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي كومپارتيىسىگە ئالاقىدار خەۋەر ۋە دوكلاتلارنى يازىدۇ ۋە تەھرىرلەيدۇ. ئابدۇلھەپىز تۇرانىي ئەرەبچە ۋە تۈركچىگە پىششىق بولۇپ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋىتى قۇيۇق، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر.

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ