«سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: ستالىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتى» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئەزەربەيجانلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى جەمىل ھەسەنلىنىڭ «سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: ستالىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللى ھەرىكىتى» ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، يېقىندا رەسمىي ھالدا نەشر قىلدى. بۇ كىتاب ئەسلىدە ئىنگلىزچە يېزىلغان بولۇپ، روسىيە، خىتاي ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە يېڭىدىن ئاشكارىلانغان تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور كىتابىدا 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئانالىز قىلىدۇ. بۇ مەزگىل بولسا يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مۇھىم بولغان بىر دەۋردۇر. بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بۇ مۇھىم تارىخنى چۈشىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشر ھوقۇقىنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئەنگىلىيە بلۇمسبېرى نەشرىياتىدىن ئالغان بولۇپ، كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ
Leave Your Comments