• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇرلار: رۇزا تۇتۇشتىن مەھرۇم مۇسۇلمانلار

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2024- يىلى 03- ئاينىڭ 12- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ؛ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ رۇزا تۇتالمايدىغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ بۇ مۇھىم تۈۋرۈكىنى ئادا قىلىشتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىدا چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگىنى يوق. ئەكسىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2024- يىلى 1- ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رايوندىكى بەلگىلىمىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ چەكلەپ، ئ‍ىبادەت سورۇنلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن مەسچىتلەرنى تاقىدى، ئۆزگەرتتى ياكى چېقىپ ۋەيران قىلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش»نى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سىياسەت دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بىۋاسىتە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. كىشىلىك ھۇقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، «2024- يىل 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ تۈزىتىشلەر دىننى «خىتايچىلاشتۇرۇش »نى ئاساس قىلىدۇ. بۇ بولسا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي رېجىمى 2016- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر سىياسەتتۇر. خىتاي رېجىمى بۇ ئارقىلىق ئىبادەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي تەلىماتلارنى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن».

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي زىيانكەشلىك سىياسەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ  يولغا قويىدۇ. 2024- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، يەنى رامىزان باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن، خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ما شىڭرۇي: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش» دېدى. ما شىڭرۇينىڭ باياناتى خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارشى داۋام قىلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

دىنىي ئىبادەتلەرگە بولغان چەكلىمىلەر ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئىچىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يەنە بىر رامىزاننى كۆتۈۋالدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 2017- يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى ئۇمۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رامىزاندا روزا تۇتالمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ قەدەرىيەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنىڭ بىر قىسمى. ھالبۇكى، بىز تېخىچە بىرەر مۇسۇلمان ھۆكۈمىتىنىڭ خ ك پ نىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ ئىسلامىي قىممەتلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلىمىسە، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا  قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى توختىمايدۇ. بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا، مەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئەربابلارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىرىمەن».

ئاللاھ ھەممىمىزنى مەنىۋىيىتىمىزنى كۈچلۈندۈرۈپ، ئىمانىمىزنى چىڭىتىدىغان يەنە بىر رامىزاننى كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن! دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلارغا ياردەم قىلسۇن!

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ