2023- يىلى 04- ئاينىڭ 10- كۈنى ھىندۇنېزىيەنىڭ پونتىياناك شەھىرىدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رامىزاندا دۇچ كېلىدىغان قىيىن-قىستاقلار توغرىسىدا رامىزان سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى.
مەزكۇر سۆھبەتنى پونتىياناك مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسى… قاتارلىق 9 تەشكىلات بىرلىشىپ تەشكىللىدى.
سۆھبەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇفى رۇھاما رىياسەتچىلىك قىلدى. سۆھبەتتە پونتىياناك مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بودى ئىراۋان، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس… قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ
Leave Your Comments