• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

نۇسانتارا ئەل ۋاسسىلىييا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 12- كۈنى ھىندۇنېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىگە جايلاشقان نۇسانتارا ئەل ۋاسسىلىييا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى: ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى نۇسانتارا ئەل ۋاسسىلىييا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بۇ يىغىندا دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانىي قىممەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تۈگىتىش ۋە ئىسلاموفوبىىيەگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىسلامىي تەتقىقاتلارنىڭ رولى… قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندۇنېزىيە ياشلار شۆبىسى سانتېرى دىپلوماتىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ دېرىكتورى سۇرۇروھ تۇللاھ ئادېدويىن ئۇسمان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن، ئەل ۋاسسىلىييا تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور مەشھۇرى خامىس، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى دوكتور ھاردى مۇليونو ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باش كاتىپى  دوكتور ئامران ئارىفىن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېت ھەيئىتى پروفىسسور سىيالفۇل ئەخيار، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى موھد خەيرۇل ئەنۋەر، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى ھەزرىتى ئەلى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسنىڭ باشلىقى ئاستېرىد ناديا رىزقىتا ۋە تايلاند فولونى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى فاۋسان جەھۋاي… قاتارلىقلار دوكلات سۇندى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى نۇسانتارا ئەل ۋاسسىلىييا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ