• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئانامغا مەكتۇب

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇز ئانام، ئارىمىزدىكى تېلىفون ئالاقىمىز سىزنىڭ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 25- كۈنى ماڭا:«بالام، بۇندىن كېيىن بىزگە ھۆددەس تېلفون ئالماڭ.» دېگەن ئاخىرقى سۆزىڭىز بىلەن كېسىلگەنلىكىگە مانا بۈگۈن 1095 كۈن، يەنى توپ-توغرا 3 يىل بولدى. سىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازىڭىز خۇددى سىز بىلەن ھازىرلا سۆزلەشكىنىمدىكىدەك ئېسىمدە. سىزنىڭ يىغا-زار قىلىشىڭىز ئېسىمدە. سىزنىڭ شۇنچىۋالا قورقۇپ كەتكەنلىكىڭىز ئېسىمدە. گەرچە شۇ چاغدا زادى نېمە بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ ئەمما مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇمنىڭ ئائىلىمىزگە كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. جېنىم ئانا، بىز 2001- يىلى گېرمانىيەدە كۆرۈشكەن ۋاقتىمىزدا سىز ماڭا بىر قانچە قېتىم: «بالام، بىز يەيدىغاننى يەپ بولدۇق، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولدۇق. بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمىز. سىز تاللىغان يولىڭىزدا مېڭىۋېرىڭ.» دېگەن ئانام ئىدىڭىز. يىللارچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋاستىلار بىلەن تەھدىت قىلىپ، كۈنلىرىڭلارنى زەھەر قىلغاندىمۇ، جەسۇرانىلىق بىلەن چىداپ، ھېچ پىسەنت قىلماي، بوينىڭىزنى تىك تۇتۇپ كەلگەن جاسارەتلىك ئانام ئىدىڭىز. ئەمدى شۇ كۈنى سىزنى دەھشەتلىك قورقىتىۋەتكىدەك نېمە بولغاندۇ ئەجىبا، ئانا!

جېنىم ھەبىبەخان ھاجىم ئانام، سىز بىلگىنىڭىزدەك مەن دادام ئابدۇكېرەم ھاجىم بىلەن ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر سۆزلەشسەممۇ، لېكىن سىز بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك پاراڭلىشاتتۇق. گېپىمىز تۈگىمەيتتى. سىز مەن ئۈچۈن بىر قەدىردان ۋە مىھرىبان ئانا بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر مەرىپەت كانى، ھايات ئۇستازى، قىممەت ئۇقۇمى ۋە بىر دوست ئىدىڭىز. مەن 1982- يىلى ئەقلىمنى تاپا-تاپمايلا ئۆيدىن ئايرىلىپ، خوتەن شەھىرىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، سىلەرنىڭ سۈيىڭلارنى ئەكېلىپ بىرەلمىدىم، ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەلمىدىم. كېيىن چەتئەلدە ئوقۇيمەن دەپ، 1986- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى سىلەرنىڭ تاپقان- تەرگىنىڭلارنى ئېلىپ چەتئەلگە قاراپ يولغا چىقتىم. 5~4 يىل مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا سىزنى بالا ھەسرىتىگە قويدۇم. سىزنىڭ خەۋىرىڭىزسىز جېنىم ئانا، 1989- يىلى ھەجدە يەنى ئەراپاتتا پاكىستان ۋە مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن «ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن, نېمە قىلساق ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ؟” دەپ بىر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، مۇنداق خۇلاسىدە بولدۇق: «ئەگەر بىز ئوقۇشنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايتساق، ئىككى تۈرلۈك ئېھتىماللىق بار ئىكەن. بىرى، ھەقىقى تۈردە ئاللاھ يولىدا مېڭىپ، تېزلا تۈرمىلەرگە تاشلىنىش. يەنە بېرى بولسا، ئاللاھ دېگەن يولدا ماڭماسلىق. ھەر ئىككىلى ئېھتىمالدا مىللىتىمىزگە پايدىمىز تەگمەيدىكەن. ئۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى: <غەرب دۆلەتلىرىگە “ھىجرەت” قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. مەن سىلەردىن رۇخسەتسىز قارار چىقىرىپ، 1990- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى سەپداشلىرىم بىلەن گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشتىم. “ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش” سېپىگە تۇنجى ئەمەلىي قەدەم باستىم. سىزدىن مۇساپە جەھەتتە ئۇزاقلىشىپ كەتكەن بولساممۇ،كۆڭۈل جەھەتتە شۇنچە يېقىنلاشقان ئىدىم، ئانا. چۈنكى مەن ۋەتىنىمگە “ئاشىق”بولغانلىقىمنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. بۇ “ئاشىقلىق” مېنى گاھىدا “مەشۇقى”نىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈزىدىغان يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چارە- تەدبىر ۋە ئۇسلۇبلارنى تېپىشقا مەجبۇرلىسا، گاھىدا ئۇلارنى ئىجرا قىلىشقا زورلايتتى.

مېھرىبان ئانا، شۇ كۈنى سىز ماڭا «ئەمدى بىزگە تېلفۇن قىلماڭ.» دېگەن ۋاقتىڭىزدا، قېرىنداشلىرىم بىلەن ئالاقەمنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنىگە بىر-ئىككى يىلدەك بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، سىز بىلەنمۇ ئالاقەم ئۈزۈلدى. مەن تېلېفون ئۈزۈلگەندىن كېيىن، تۇرغان يېرىمدە تۇرۇپلا قالدىم، ئانا. بېشىم پىرقىراپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. مېنى گويا ئەبەدىي ئايرىلىشتىكى ھەسرەت- نادامەت، قايغۇ ئارىلاش بىر خىل غەلىتە ھېسسىيات قورشىۋالغان ئىدى. جېنىم ئانا. بۇ نەتىجە ئەسلىدە بۇ بىر ئايدىن بېرى چوڭ ئۆيدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پاجىئەلىك زۇلۇمنىڭ داۋامى ئىدى. گەرچە سىز ماڭا دېگىلى ئۇنىمىغان بولسىڭىزمۇ، مەن ئىنىم ئابدۇرەھېمنىڭ زورلۇق بىلەن “تۇغقان” دەپ چوڭ ئۆيگە مەجبۇرىي ئەكىرىپ قويغان بىر دىنسىز، ھاياسىز ئائىلىگە قۇللۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغان ئىدىم. مەن سىزدىن: «ھېلىقى يۈزى قېلىن “مېھمان” تېخىچە بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، سىز قاتتىق ئاچچىق ئىچىدە “ئۇھ” تارتىپ، گەپنى قاچۇرۇپ كېتەتتىڭىز.

خىتايلارنىڭ زۇلۇمى 1949- يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بېرى ھەرخىل ئاتالغۇلار ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن. خىتايلارنىڭ ئائىلىمىزنىڭ قەددىنى، غورۇرىنى سۇندۇرۇشى، ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ كارۋانچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىدرىس ئاخۇن چوڭدادامنىڭ ئات- ئۇلاق ۋە مال- مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشلىرى، كاتتا سېلىنغان ئايۋان- سارايلىرىمىزنى چېقىۋېتىشى ۋە جەننەت كەبى باغلىرىمىزنى ۋەيران قېلىشىمۇ سۇندۇرالمىغان ئانام. چۈنكى ۋەتىنىمىز قولىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، تۆت تاملىق ئۆيىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بولغان. شۇ تۆت تام ئىچىدە بىز ئەركىن ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ياۋۇز خىتاي ئىپپىتىمىز، نومۇسىمىز ۋە شەرىپىمىزنىڭ ئۇۋۇسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قەلئەيىمىز بولغان ئۆيىمىزگىچە بۆسۈپ كىرگەنلىكى سىزنىڭ نەپىسىڭىزنى قىستىمۇ، ئانا؟! جاپاكەش دادامنىڭ سەبىر قىلىپ كۆڭلىنىڭ ئېغىرلىشىشى، سىڭىللىرىمنىڭ خورلىنىشى، ئېسىل ئىنىم ئابدۇرەھىمنىڭ قۇلدەك بوزەك بولغىنىمۇ سىزنى ئىڭراتقان ،ئانا؟! سەبىي، مەسۇم نەۋرىلىرىڭىزنىڭ تەقدىرى سىزنى بۇ دەرىجىدە قورقۇتتىمۇ، جېنىم ئانا؟! سىز بىزنىڭلا ئانىمىز بولۇپ قالماستىن، ئۇرۇغ- تۇغقان ۋە قولۇم- قوشنىلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ مېھرى- مۇھەببەت بېرىپ، ئانىلىق قىلاتتىڭىز. سىزنىڭ مۇشەققەت- كۈلپەتلەرگە ۋە بالايى- ئاپەتلەرگە قانداق سەبىر قىلىدىغانلىغىڭىزنى ئوبدان بىلەتتىم، جېنىم ئانا. مېنىڭ ئانام كۆتۈرەلمەي، ۋارقىراپ كەتكۈدەك زۇلۇم قانداق زۇلۇمدۇر، ئانا؟! سىز كۆتۈرەلمەي ئىڭراپ كەتكەن بۇ قاباھەتلىك زۇلۇم تۇمانى ئاللىقاچان ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر بۇرجىكىنى قاپلاپ كەتكەنلىكىگىمۇ ئىچىڭىز ئېيچىشتى، جېنىم ئانا؟! خەلقنىڭ ئېتىقادى، «قۇرئان كەرىم»، ئىنسانىيەتپەرۋەرلىكى تارىختىن بۇيان داستان، قىممەت قاراشلىرى بەخت- سائادەتنىڭ دەستۇرى ۋە ماكانى، ھازارەتنىڭ بۆشۈكى بۇلۇپ كەلگەن بۇ ئەزىز زىمىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامىنىڭ بىر “زىندانىستان” غا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا چىدىماي كەتتىڭىزمۇ، جېنىم ئانا؟!

سىز بىلەن ئالاقە قىلىشتىن مەھرۇم بولغان كۈندىن ئېتىبارەن، ئىچىم قاتتىق پۇشۇپ كەتتى، ئانا. مېنى غەم- قايغۇ بېسىۋالدى. جىم- جىت بولۇپ قالدىم. ئۆزۈم بىر يەردە، ئەقلىم باشقا بىر يەردە. بەزىدە كاللامنى غەشۋىشە قاپلىۋالدى. ئىدراك- بەسىرەتلىرىمنى يوقاتقان ۋاقىتلىرىم كۆپ بولدى. روھىم چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدى. ئەمما جانابى ئاللاھغا سېغىنىپ، ھەر ۋاقىت دۇئا- نىياز قىلدىم، ئانا. ئارىدىن يۈز نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر تۇغقىنىمىز خىتاينىڭ بىر شەھىرىدىن ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، ئىنىم ئابدۇرەھىمنىڭ 21 يىل كېسىلىپ، ئۈرۈمچى 1- تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى، سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ لاگىرغا تاشلانغانلىقىنى، ھەتتا دادام ۋە سىزنىڭ نەدە ئىكەنلكىڭىزنى بىلمەيدىغانلىقىنى يەتكۈزدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ چوڭ ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپلانغانلىق خەۋىرىنىمۇ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن نەۋرىلەرنى سورىسام، نەدىلىكىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى دېدى، ئانا. ئىنىم ئابدۇرەھىم ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى قامداپ كېلەتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىن بىر قانچە ئۆينىڭ خىراجىتى چىقاتتى. ئۇ ئىنىم ھېچ يەرگە كەتمەي، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا ئىدى، ئانا. ئۇكىلىرىمنىڭ باللىرى قەيەردىدۇ، ئانا؟ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكتەك، بۇ شۇم خەۋەرلەر مېنى تېخىمۇ ئازاپلاپ كەتتى. مىنى چارىسىزلىك، كۈچسىزلىك تۇيغۇلىرى قامىۋالدى، جېنىم ئانا. بەزى دوستلىرىمنىڭ ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىنىڭمۇ لاگىرلاردا ئىكەنلىك خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى، ئانا.

جانۇ- جان ئانا، مەن سىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا: «بالام، ئەگەر ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىگرىلار ئېتىلىپ، يوللار تاقىلىپ قالسا، سىز بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭ. بىز ھەر يىلدىكىدەك سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىزنى ئادا قىلىپ قويىمىز. سىز ئائىلىڭىزنى قوغداشتىن قايتماڭ.» دېگەن سۆزلىرىڭىزنىڭ تېگىگە ئەمدى يېتىپ، سىزنىڭ نەقەدەر دانا بىر ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم. جېنىم ئانا. بۇ قاتتىق كۈنلەردە ۋەتەنپەرۋەر، جەسۇر ئايالىم روشەن ئابباس يېنىمدا بولدى. ئۇ ماڭا سەپداشتەك ھەمراھ، دوستتەك دەرمان بولدى. بىز ئەر- ئايال داۋاملىق بىگۇناھ تۇتۇلۇپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ نىجاتلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدۇق، ئانا. شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئىنسانلار تۈرمە-لاگىرلارغا تاشلىنىۋاتىدۇيۇ،خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە ھېچ خەۋەرمۇ بەرمەيۋاتاتتى خۇددى قازاننىڭ تۇۋىقىنى كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، ئانا.

بىز بىر تۈركۈم سەپداشلار بىرقانچە قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىز قانداق قىلىپ بۇ پاجىئەلەرنى خەلقئاراغا تونۇتۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بىراقلا يوق قىلىش سىياسىتىنڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ،خىزمەت خەرىتىسىنى تۇرغۇزدۇق. 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئوغلىڭىز قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تەشكىلات «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ئالاھىدە يىغىنى گېرمانىيەدە ئېچىلدى. بىز ئەر- ئايال بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتۇق. مەن باش تەپتىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالدىم، ئانا. بىز ئەر-ئايالنىڭ ھەر كۈنىمىز ۋەتەن دەردىدە بولدى، ئانا. قىزىڭىز روشەن كومپيوتېرنىڭ ئالدىدىن قوپماي، ئۆزى بىلگەن ياكى ئاڭلىغان مۇخبىرلارغا توختىماي ئۇچۇر يوللاش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ سىزنىڭ ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسلىرىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، ئۇلارغا ۋەتەندىكى قەتلىئامنى ئاڭلىتىشقا ۋە بۇنى توختىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە تىرىشىپ كەلمەكتە، ئانا. 2018 – يىلى 15 -مارت كۈنى، قىزىڭىز روشەن ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئايال سەپداشلىرى رەھبەرلىگىدە دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىر ۋاقىتتا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ئاياللار نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بىز ئەر- ئايال نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ، نامايىشلارغا، يىغىلىشلارغا، شۇنداقلا ۋەتەندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتناشتۇق، ئانا. شۇ كۈنلەردە سىز بىلەن ئالاقەمنىڭ كېسىلگەنلىكىگە 400 نەچچە كۈن بولغان ئىدى. مەن دادامنىڭ ۋە سىزنىڭ ھال- ئەھۋالىڭىزدىن ھېچ خەۋەر ئالالمىغانتىم، ئانا. ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئىنسانلارغا «خىتاي مېنى ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشتۈرمەيۋاتىدۇ. ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتىمەن.» دېسەم، ھېچكىم ماڭا ئىشەنمەيتتى، ئانا. مەن سىلەرنى دائىم ئەسلەپ، ئەسلىگەنسېرى ئازاپلىنىپ كېتىۋاتاتتىم، ئانا. بولۇپمۇ، ھەممىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان قېرىندىشىم ئابدۇرەھىمنى ئويلىسام، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كېتەتتى.

جېنىم ئانا، رەزىل كومۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىلەرنى ۋە مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى ئىنسانلارچە ياشاشتىن مەھرۇم قىلىپ، خورلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى چوڭ- كىچىك، ئەر- ئايال دېمەستىن تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىغا سولاپ، كىچىك بالىلارنى ئاتا- ئانىسىز يېتىملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى قۇدرەت- تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە خەلقى ئالەمگە بىلدۈرىشتە، بىز «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ۋە بىز بىر نەچچە يىل بۇرۇن رەسمىي قۇرغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى ۋاستە قىلدۇق. 2018 – يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئارىمىزدىكى ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 500 كۈندەك بولغاندا، قىزىڭىز روشەن ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ بىرىدە «ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن، قېرىنداشلىرىمىزدىن ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن خەۋىرىمىز يوق. بىز ئۇلارنىڭمۇ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىمىز. نەۋرىلەرنىڭ يېتىمخانىلارغا تاشلانغانلىقىدىن قورقۇۋاتىمىز. مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرىغا قامىلىپ كەتمەكتە.» دەپ ئامېرىكىنى ۋە خەلقئارانى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە يالۋۇرۇپ چاقىرغان ئىدى. ئارىدىن 6 كۈن ئۆتۈپلا خىتاي ھاكىمىيىتى قىزىڭىز روشەننىڭ بىر قورساقتىن تۇغۇلغان ئاچىمىز گۈلشەن ئابباسنى ئۈرۈمچىدە ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ھاممىمىزنى ئارتۇشتا پەقەت روشەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنلا گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

جېنىم ئانا، ئەگەر سىز نەپرىتى بىلەن مۇھەببىتىنىڭ ئېنىقلىقى، بىرىگە ھەقسىزلىق قىلماسلىقى ۋە ھېچكىمگىمۇ بوزەك بولمايدىغان ئىرادىگە ساھىپلىقى، يۇۋاشقا ياردەم قىلىپ، ياماندىن قورقمايدىغان، ئۆز ھەققىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەي ئېلىشىدىغان خاراكتېرلىرى ئەينى سىزنىڭكىگىلا ئوخشايدىغان بۇ قىزىڭىز روشەننىڭ، خىتاينىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭدىن: «ئاچام نەدە؟ ئاتا-ئاناملار نەدە؟ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم نەدە؟ مىليونلىغان ئەزىز خەلقىم نەدە؟» دەپ توختىماي سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى كۆرگەن بولسىڭىز: «مېنىڭ ئوبدان قىزىم، ئافىرىن سىزگە.» دەپ قىزىڭىزنىڭ تېخىمۇ تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يەنىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشىغا دۇئا قىلاتتىڭىز ئانا! سىز بىلەن مۇڭدىشىشنى، ئاۋازىڭىزنى، گەپلىرىڭىزنى شۇنچە سېغىندىم، ئانا. مېنىڭ سىزگە قىزىڭىز روشەننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پەنس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى پېلوسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، باشقا ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى، چەتئەللىك دېپلوماتلار، ئاخبارات ۋە ئىقتىساد مەسئۇللىرىنىڭ ھوزۇرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبلىك تەقدىرلەنگەنلىگىنى دەپ بەرگۈم كەلدى ۋە بۇنىڭغا سىزنىڭ شۇنچە مەمنۇن بولۇپ، بېشىڭىزنى ئېگىز كۈتۈرۈپ، كۆزىڭىز بىلەن كۈلۈپلا تۇرىدىغان قامىتىڭىزنى كۆرگۈم كەلدى، ئانا.

جېنىم ئانا، مەن سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشتىن مەھرۇم بولغان كۈندىن ئېتىبارەن، ھەسرىتىمنى سىلەرنى ئەسلەشتە تاپتىم. سىلەرنى ئەسلىگەنسېرى، ئۆزۈمنىڭ سىلەردەك نەقەدەر دانا، جاپاكەش، قانائەتكار، كۆڭلى باي، سەۋىرچان ۋە تىرىشچان ئاتا-ئانام بولغىنىڭلاردىن پەخىرلىنىۋاتىمەن. سىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىزباسارلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئەزان ساداسى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دەپ، مېنى ئۆي ئىشىغا سالماي، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ زىندانلىرىدا ئالدى 20 نەچچە يىل، كەينى 18 يىل يېتىپ چىققان پەرىشتە كەبى ئۇستازلارغا ئاپىرىپ بېرىپ، مېنىڭ تەلىم- تەربىيە ئېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆزەڭلار يېمىگەننى يېگۈزۈپ، كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ ئوقۇتقانتىڭلار. يىراق يۇرتلاردىن كېلىپ، مەن بىلەن بىرگە مەدرىستە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ غېمىنى قىلاتتىڭلار، ئانا.

جېنىم ئانا، بىز ئەر- ئايال ئولتۇرغان سورۇنلاردا، ماڭغان كوچىلاردا، قاتناشقان يىغىن ۋە نامايىشلاردا، سۆزلىگەن مۇنبەرلەردە، ئىسلام تەشكىلاتلىرى، مەسجىتلەر ۋە ئۇنۋېرسىتلاردا سىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاھۇ- زارلىرىڭلارنىڭ كانىيى بولىۋاتىمىز. ۋەتەن داۋاسىنى قىلىمىز دەپ، بارمىغان ياپونىيەدىن ئاۋىستىراليەگىچە، تۈركىيەدىن كاناداغىچە، ياۋرۇپادىن ۋە ئۆزىمىز ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ شىتات- شىتاتلىرىغىچە، يەنى دۇنيانى ئايلاندۇق. مۇقەددەس يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئەزان ئاۋازى توختاپ قالمىسۇن، ئاسالەتلىك ئەزىز مىللىتىمىز مۇنقەرىز بولۇپ كەتمىسۇن، زىندانلار تاقالسۇن، لاگىرلار چېقىلسۇن، زۇلۇم زەنجىرلىرى كېسىلسۇن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، خەلقى راھەت- باياشاتلىقتا ياشىسۇن دەپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان جەڭگە بىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھەسسىمىز قوشۇش ئۈچۈن ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. مانا بۇ، بىز ياش-گۆدەك ۋاقىتلىرىمىزدا، ھېلىقى ئاراپات تاغلىرىدا ۋە مىسىردا «غەرب دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىمىز» دەپ نىيەت قىلغان غايىلىرىمىزدىن بىر قىسمى ئىدى. مانا شۇ ئارزۇ-ئارمانلاردىن، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇرجىكىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بولۇشى، شۇنداقلا شۇ يەرلەردە ۋەتەن دەۋاسىنى قىلىدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇئەسسىسە قىلىنىشلىرىنى، بۈگۈن رىياللىقتا، ئاللاھنىڭ ماڭا كورسەتكەنلىرىگە مىڭ شۇكرى قىلىمەن، جېنىم ئانا.

بۇ يىل، بىز كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، كانادانىڭ ۋەنكۇۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق شاۋنجاڭ ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتۇق. بۇ كىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلارنى تۇنجى قېتىم سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەلقئاراغا ئىسپاتلىغان ھەمدە خەلقئارادا لاگىر مۇتەخەسسىسى دەپ تونۇلغان كىشىدۇر. جېنىم ئانا، بىز بۇ كىشىدىن بىزنىڭ ئۆينى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ باشتا مەندىن: «سىز قايسى شەھەردىن؟» دەپ سورىدى. مەن: «خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى ئاغۇيت مەھەللىسى» دېسەم، ئۇ چوڭ تېلىۋىزور ئېكرانىدا بىزنىڭ مەھەللىنى كۆرسەتتى. باشتا بوستان مەھەللىسىنى، ئۇنىڭ يېنىدىكى بەگ تۈگمەن مازارلىقىنى، ئۇندىن كېيىن قۇملارنى بويلاپ بىزنىڭ ئۆينى، مېنىڭ ئايرىلغىنىمغا 34 يىل بولغان ۋە شۇندىن كېيىن ھېچ بېرىپ باقمىغان ئۆيىمىزنى كۆرسەتتى. روھىم شۇ ئالدىمدىكى ئېكراننى بۆسۈپ كىرىپ، سىلەرنى شۇنداق كۆرگۈم كېلىپ كەتتى، جېنىم ئانا. يۈرىگىم پىلىمۇتتەك سوقۇپ، كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى ئىزدەپ كەتتىم. ئەمما تاپالمىدىم، ئانا. ئۇنىڭ شاۋنجاڭدىن سورىدىمكى، بۇ يەرگە ئەڭ يېقىن لاگىر نەدە؟ دەپ. ئۇ دەررۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى سۇ ئامبىرنى بويلاپ ئۆتۈپ، خان ئېرىقنىڭ شىمالى، يېڭى ئېرىقنىڭ غەربى، لاسكۇينىڭ غەربى شىمالىدىكى يېڭى ئاۋات قۇملۇقىغا سېلىنغان كەڭ كۆلەمدىكى لاگىرلارنى كۆرسەتتى. ئۇ بىزگە لاگىرلارنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ سېلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى قوشۇلغان لاگىر قىسمىنىمۇ كۆرسەتتى. مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ لاگىرلاردا دەپ قىياس قىلدىم. سىڭىللىرىمنىڭ باشلىرىغا بۇ لاگىرلاردا قانداق بالايى- ئاپەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قاچتىم، ئانا. ئەمما، سىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى، دادامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئانا. مەن ئالدىراپلا شاۋنجاڭدىن يېتىمخانىلارنى سورىسام، ئۇ لاسكۇي زاۋۇتىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە سېلىنغان تۈرمىگە ئوخشاش قۇرۇلۇشنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بىزگە ئايالىم روشەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيى، ئۆينىڭ ئالدىدىكى نوغاي مەسجىتىنى 3 د شەكلىدە كۆرسەتتى. ھالبۇكى، گۈلشەن ئاچىمىز بۇ ئۆيدە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ئانا. ئايالىم روشەن ئۇۋۇلىنىپ كەتتى. بىز مۇلايىم گۈلشەن ئاچىمىزنىمۇ تاپالمىدۇق، ئانا. بىز ئالدىمىزدىكى چوڭ ئېكراندىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا سان- ساناقسىز لاگىر ۋە زىندانلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ بىزگە يەنە داۋانچىڭدىكى لاگىرنىڭ داۋانچىڭ شەھىرىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىنىڭ بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

جېنىم ئانا، ۋۇخەندىن تارقالغان خىتاي ۋىروسى سىلەرگە يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرسەتكەندۇ؟ قانداقمۇ قىلغانسىلەر؟ يېگۈدەك نان، ئىچكۈدەك سۇ بولغانمىدۇ؟ مۇشۇ كۈنلەردە خوتەندىن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر بۇرجەكلىرىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا توپ- توپى بىلەن قۇل قىلىپ ئەكېتىۋاتقان قىز- يىگىتلەر ئارىسىدا قانچە سىڭلىم، نەچچە ئۇكام باردۇ؟ كىچىك، سەبىي جىيەنلىرىم قەيەرلەردە يېتىم- يېسىر بولۇپ خورلىنىۋاتقاندۇ؟ قايسى ئۇكام ئىچكى ئورگانلىرى ئۈچۇن ھاياتىدىن ئايرىلغاندۇ؟ ئېسىل ئىنىم ئابدۇرەھىم خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلارگە يۆتكەپ كېتىلگەنمىدۇ؟ راستىنى دېسەم، جېنىم ئانا، مەن قايسىڭلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ياكى قايسىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلكىڭلارنى بىلمەيمەن. لېكىن ئۈمىدىم شۇكى، ھەممىڭلار ساق- سالامەت ياشاۋاتىسىلەر. جانابى ئاللاھتىن سىلەرگە، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋە جۈملە ئالەمگە بۇ رامىزانى كەرىم بەرىكەت، مەغپىرەت، رەھمەتلەر ۋە نىجاتلىق ئەكېلىشىنى تىلەيمەن، ئانا.

جېنىم ئانا، «قۇران كەرىم»دە ئاللاھ بىلەن ئىلاھلىق تالاشقان بارلىق تاغۇتلار ھالاك قىلىنغان. بۇ خىتاي تاغۇتمۇ چۇقۇم ۋەيران بولىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر بۇرجىكىدە بۇمەريەمخان چوڭ ئانامدەك ھەر كۈنى سەھەر بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئاللاھقا يىغلاپ- يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان مىليونلارچە ئانىلارنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجاۋەت بولىدۇ. بىز چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىمىز. قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن چوقۇم يورۇقلۇق كېلىدۇ، ھەق كېلىدۇ، باتىل كېتىدۇ.

بىز ئىككىمىزمۇ چوقۇم كۆرىشىمىز، جېنىم ئانا. يا بۇ دۇنيادا، يا ئۇ دۇنيادا!

2020- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، ۋاشىنگتون

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ