• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نېمە سەۋەبتىن چېقىلدى؟

يېقىندا قەشقەر كونىشەھەر رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان، «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نىڭ چېقىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەزكۇر بازارنىڭ چېقىلىشىغا ئالاقىدار سىنلار تورلاردا تارقىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

«قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» بولسا قويۇق ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە بولۇپ،  كۆلىمى چوڭ ۋە تارىخىي ئۇزۇن بولغان قەشقەرنىڭ مەزكۇر  بازىرى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەڭ ئاۋاتلاشقانىدى.  كۆپلىگەن غەرب ۋە شەرق سەيياھلىرىمۇ  قەشقەردىكى بۇ بازارلارغا كەلگەن ۋە بۇ بازارلارنىڭ ئاۋات، گۈزەل ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە خاتىرىلەر  قالدۇرغانىدى. قەشقەر قەدىمدىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان  مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ كەلگەن. لېكىن، كونا يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن تەڭ، قەشقەردىكى بۇ كونا بازار خارابلاشمىغان، ئەكسىچە تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا يەنىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ھەتتا مىللىي مەۋجۇتدىيىتىنىڭ جانلىق ئىسپاتىغا ئايلانغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىغا شاھىت بولغان بۇ بازار كېيىنكى كۈنلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ